مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش لازىم

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2020.04.13 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر مەملىكەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايونلار بويىچە تۈرگە ئايرىپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2019-يىلىدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، بىر قەدەر چوڭ ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەردە «ئۈچنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى، لېكىن يوشۇرۇن خەۋپ يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بۇ جەھەتتە يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ مۇھىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك، تەرەققىياتقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەرلىككە سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ئۇنى ئەرزىمەس ئىش دەپ قاراپ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈپتىن تۈگىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى قايتا بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرماقتىمىز، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېڭى ۋە خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، كان، قاتناش -تىرانسپورت، سانائەت رايونى، شەھەر قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك تاشلاندۇق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تۈزەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسى، خەۋپنى تەكشۈرۈش-تۈزەش ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە بىخەتەرلىك مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ