مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.04.09 18:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا يامرىماقتا، تۈركىيەمۇ كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە قەتئىي قوللايمەن. جۇڭگو خەلقى جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئەڭ قىيىن مەزگىلدىن ئەمدىلا ئۆتۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە. بىز داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يەر شارى بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئىمكانقەدەر كۆپ ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمىز. جۇڭگو تۈركىيەنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر قىسىم ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ئىككى دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلىرىنى كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو تۈركىيەنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىشنى ھەمدە تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشنى ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ. ئىشىنىمىزكى، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈركىيە يۇقۇمنى چوقۇم يېڭەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ