خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9- ئاپرېل رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئېلىمىزگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، چېگرا ئىچىدە يۇقۇمنىڭ قايتا ئۆرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش باسقۇچلۇق ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ