شى جىنپىڭ پايتەختنىڭ كۆچەت تىكىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

سۇلار سۈزۈك ۋە تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىقتۇر، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئوڭشاشنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يېشىل بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىپ، تاغلار دائىم ياپيېشىل تۇرىدىغان، سۇلار سۈزۈك ھالدا دولقۇنلاپ ئاقىدىغان، ھاۋاسى ھەمىشە ساپ بولىدىغان گۈزەل جۇڭگونى تېرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلارمۇ بۇ كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2020.04.07 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پايتەختنىڭ كۆچەت تىكىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقان، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ پەيتتە، بىزنىڭ كۆچەت تىكىشتىن ئىبارەت بۇ مەجبۇرىيەت پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتنىشىشىمىز بولسا، بىر تەرەپتىن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئەتنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە تەبىئەتنى ئاسرايدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. سۇلار سۈزۈك ۋە تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىقتۇر، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئوڭشاشنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يېشىل بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىپ، تاغلار دائىم ياپيېشىل تۇرىدىغان، سۇلار سۈزۈك ھالدا دولقۇنلاپ ئاقىدىغان، ھاۋاسى ھەمىشە ساپ بولىدىغان گۈزەل جۇڭگونى تېرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  مانا ئەمدى ھاۋا ئوچۇق ھەم سۈزۈك، باھار پەيتى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، يەنە بىر كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشنىڭ ياخشى پەيتى يېتىپ كەلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون يېرىملاردا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كوللېكتىپ ھالدا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى جيۇگۇڭ بازىرىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا بېرىپ، پايتەخت ئاممىسى بىلەن كۆچەت تىكىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيەت پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ