خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە خەۋپ-خەتەر نۇقتىسىغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك. «تۆت بالدۇر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۇقۇمنىڭ قايتا ئۆرلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، گۇمانلىق كېسەللەر ياكى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك يۇقۇم ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئاشكارا، ئوچۇق، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئۇچۇرنى ئېلان قىلىش كېرەك، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش، چالا مەلۇم قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى تېببىي جەھەتتىن باشقۇرۇش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە ئايرىپ قوبۇل قىلىپ داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىقىپ كېسىلى قايتا قوزغالغان ئاغرىقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەھەللە، پورت، چېگرا قاتارلىق مۇداپىئە لىنىيەسىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا بولغان غەمخورلۇق، كۆڭۈل بۆلۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىنى قوغداش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى ۋە بىرلەمچى ئاساسىي كېسەللىكلەرنى تۈرگە ئايرىپ داۋالاپ قۇتقۇزۇپ، نورمال داۋالاش مۇلازىمىتىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ