خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بېسىمىم بەك ئېغىر، كېچىچە ئۇخلىيالمايمەن، كۈندۈزى روھسىز يۈرىمەن، ۋەيران بولاي دەپ قالدىم...» بۇ، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان توردا قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا ئەڭ كۆپ يولۇققان ئەھۋال.
ئۇيقۇڭىزنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىنى سىناش ئۇسۇلى:
بىرىنچى، ئۇيقۇغا كىرىشىڭىز بەك تەس، (ئۇيقۇغا كىرىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىدۇ)؛
ئىككىنچى، ھەر كەچتە ئۇخلاش ۋاقتىڭىز ئالتە سائەتتىن ئاز؛
ئۈچىنچى، دائىم خىياللار ئارىسىدا لەيلەپ يۈرىسىز، ئۇخلىغان چاغدىمۇ ھېچقانچە ئۇخلىمايسىز؛
تۆتىنچى، سىزدە پات ئارىدا پەيدا بولىدىغان ئۇيقۇ مەسىلىسىنى پەرەز قىلالايسىز؛
بەشىنچى، كېچىدە ئۇخلىغاند ئويغىنىش قېتىم سانىڭىز ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق؛
ئالتىنچى، ئويغانغان ھامان يەنە بىر قېتىم ئۇيقۇغا كىرىشىڭىز تەس؛
يەتتىنچى، دائىم بەزى ئىشلاردىن ئەنسىرەيسىز، ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىشىڭىز بەك تەس؛
سەككىزىنچى، دائىم ئارزۇ قىلغان ئورۇندىن تۇرۇش ۋاقتىدىن تېخىمۇ بالدۇر ئويغىنىپ كېتىسىز؛
توققۇزىنچى، دائىم ئويغانغاندىن كېيىن يەنىلا قانغۇدەك ئۇخلىيالمىغاندەك ھېس قىلىسىز؛
ئونىنچى، دائىم غەمكىن، تەشۋىشلىنىپ ۋە چۈشكۈن يۈرىسىز.
ئەگەر ھەممىسىدە <ياق> دەپ تاللىسىڭىز، بۇ ھازىرقى ئۇيقۇ سۈپىتىڭىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر پەقەت بىردىن ئىككىگىچە سوئالغا <ھەئە> دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئۇيقۇ ساغلاملىقىڭىزغا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك، ئۆزىڭىزنى تەڭشەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۈچ سوئال ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇقىغا <ھەئە> دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، نۆۋەتتە ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش مەسىلىسى كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، كەسپىي ياردەم تەلەپ قىلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى