مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.04.03 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2- مارت ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھىندونېزىيە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى ئەڭ قىيىن مەزگىلدىن قۇتۇلدى. بىز ھىندونېزىيەنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، بىز ئۇلارنى قوللاپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشنى خالايمىز. ئىشىنىمىزكى، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھىندونېزىيە يۇقۇمنى ئاخىر يېڭىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە بىر-بىرىنى قوللاپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو-ھىندونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ھىندونېزىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس. خەلقئارا جەمئىيەت قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلغاندىلا، ئاندىن بۇ دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە زىچ ھەمكارلىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل يەر شارىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەجرىبىسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىپ ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يەر شارى جامائەت ساغلاملىقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ