مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: جۇڭگونىڭ نامىنى بۇلغايدىغان «سىياسىي ۋىرۇس» نومۇسسىز ھەم تېتىقسىز

2020.03.19 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم سىياسەتۋازلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شەخسىيەتچىلىك قىلىپ، كەمسىتىش ۋە قوش ئۆلچەم بىلەن يۇقۇمغا ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتتى. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى روسنىڭ «يۇقۇم ياسىمىچىلىقنىڭ ئامېرىكىغا تېز قايتىشىغا پايدىلىق» دېگەن پۇرسەت نەزەرىيەسىدىن، «فوكس خەۋەرلىرى»نىڭ رىياسەتچىسى كاسىننىڭ جۇڭگو كەچۈرۈم سورىشى كېرەك دېگەن نەزەرىيەسىگىچە، ئاندىن ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن چىققان پارلامېنت ئەزاسى مەككارسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى «جۇڭگو تاجسىمان ۋىرۇسى» دەپ جار سېلىپ، ئىلىم-پەن ۋە خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا قارشى يول تۇتۇشى «سىياسىي ۋىرۇس» تارقىتىشنىڭ سەلبىي ماتېرىيالى بولۇپ قالدى.

  جۇڭگوغا قارا سۈركەيدىغان ھەر خىل قاراشلارنىڭ ۋەھىمە پايدا قىلىش، پىتنە- ئىغۋا تارقىتىش، ئاداۋەت پەيدا قىلىش، پۈتۈن دۇنيانىڭ يۇقۇمغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن باشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق. ۋاقىت ۋە پاكىت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئىدېئولوگىيە ئاداۋىتى ۋە قوش ئۆلچەم ئاساسىدىكى «سىياسىي ۋىرۇس» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارىغاندا تېخىمۇ قورقۇنچلۇق، زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، پەقەت سىياسەتۋازلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتىش ئۈچۈن ئوينىغان سىياسىي ئويۇنى، خالاس.

  يۇقۇم ئالدى بىلەن جۇڭگودا كۆرۈلدى، لېكىن جۇڭگودا پەيدا بولغان بولۇشى ناتايىن. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ساھەسىدىكى ئالىملار ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى تېخى ئېنىق ئەمەس، «جۇڭگو ۋىرۇسى» دېگەن بەلگە ئارقىلىق جۇڭگوغا ئىتتىرىپ قويۇش پەقەتلا جىنايەتنى جۇڭگوغا زورلاپ ئارتىپ قويۇشتۇر. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئاشكارا ھالدا: «‹جۇڭگو ۋىرۇسى› دېيىش خاتا»، دېدى، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ مەسئۇل كىشى ئاشۇ سىياسەتۋازلاردىن كۆپ مەسئۇلىيەتچان.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا ھايۋانات سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ۋىرۇسقا نام بېرىش يېتەكچى پىرىنسىپىدا جۇغراپىيەلىك ئورۇن، ھايۋانات، شەخس ياكى كىشىلەر توپىغا چېتىلماسلىق بەلگىلەنگەن. ئامېرىكىدىكى ئاز ساندىكى سىياسەتۋازلار ئىلىم-پەننى كۆزگە ئىلماي، خەلقئارا پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قوشنىلىرىغا زىيان سالىدىغان بىر تەرەپلىمىلىك، ئۆزىگە پايدىسى بولمىسىمۇ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدىن ئىبارەت يەنە بىر خىل ۋىرۇسنى تارقاتماقتا.

  ۋىرۇس مەيلى قەيەردە كۆرۈلگەن بولسۇن، ھەممىسى ئىنسانلارغا ئورتاق تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئەينەككە قاراپ باقىدىغان بولسا، بۇ سىياسەتۋازلارنىڭ «كېلىپ چىقىشى جىنايەتلىك بولۇش نەزەرىيەسى» بولۇپ، ئۆزىنىڭ يۈزىگە شاپىلاقلىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  2009-يىلى ئامېرىكىدا پارتلىغان H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى 214 دۆلەت ۋە رايونغا يامرىدى، شۇ يىلى ئاز دىگەندىمۇ 18 مىڭ 449 ئادەم قازا قىلدى. ئوخشاشلا MERS ۋىرۇسى، ئېبولا ۋىروسى، زىكا ۋىرۇسى بولسۇن، ئەينى يىلى خەلقئارا جەمئىيەت پۈتۈن زېھنى بىلەن ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان، ھەرگىزمۇ ۋىرۇس پەيدا بولغان دۆلەتنى ئەيىبلىمىگەن.

  مانا بۇ بىردىنبىر ئىلمىي پوزىتسىيە. ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ تاماشا قىلىش، قوشنىسىغا ئورا كولاش، بىر ئىزدا توختاپ قېلىش قاتارلىقلار پەقەتلا ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، قول تۇتۇشۇپ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، تەقدىرداش بولۇش — كىشىلەر ئارىسىدىكى داغدام يول. بۇ قائىدىلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسىي ۋىجدانغا، ئەقەللىي ئەخلاققا ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىراپ قىلىدىغان ساۋاتلاردۇر. قارىغاندا ئۇ سىياسەتۋازلارنىڭ بۇنداق ساۋاتى يوقتەك ياكى بۇنداق ئەقەللىي پەزىلىتى ۋە ئەقەللىي ئەخلاقى يوقتەك قىلىدۇ.

  جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا ئەڭ بالدۇر زىيانغا ئۇچرىغان دۆلەت، شۇنداقلا ھازىرغىچە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئەڭ زور تۆھپە قوشقان دۆلەت. دەل جۇڭگودىكى ھەر ساھەنىڭ قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، جاپالىق تىرىشىشى بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىت قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىتالىيە، ئىران قاتارلىق يۇقۇم يۈز بەرگەن دۆلەتلەرگە ياردەم بەردى... جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاشكارا، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك شىجائىتىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مول مەزمۇنىنى نامايان قىلدى.

  تارىخقا قارايدىغان بولساق، سىياسىي جەھەتتە جۇڭگونى ھاقارەتلەش ۋە قارىلاش بىلەن جۇڭگونىڭ تۆھپىسىنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ ھەم بۇ سەۋەبلىك «ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. ھەرقانداق سىياسەتۋاز باشقىلارنى ئەيىبلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۇقۇمغا يۈزلەنگەندىكى ئىقتىدارسىزلىقىنى يۇيالمايدۇ. ئىرقچىلىق سۆزلىرى بىلەن جامائەتنىڭ نەزىرىنى يۆتكەش تېخىمۇ نومۇسسىز ۋە ئېچىنىشلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ