خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 16 ئەتراپىدا، سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستى شىچاڭ شەھىرى جىڭجيۇ يېزىسى مائەن كەنتىدە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، ھەش-پەش دېگۈچە شامال يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ، شامال كۈچى شىددەت بىلەن ئېشىپ كەتكەچكە، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، 19 ئادەم قازا قىلدى، ئۈچ ئادەم يارىلاندى. نۆۋەتتە، تاغدىكى ئوت يەنىلا ئۆچۈرۈلمەكتە.
ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تېزدىن كۈچ توپلاپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ھازىر ئورمان ئوت ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ئاسان كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل بولۇپ، يېقىندا سىچۈەن، يۈننەن، فۇجيەن، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئورمان ئوت ئاپىتى ۋە بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈز بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭمىڭ بايرىمى، ئەتىيازلىق كەلكۈننىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن ئوت ئاپىتى، كەلكۈن ئاپىتى قاتارلىقلار گەۋدىلىك بولدى، بۇنىڭغا چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئوت ئاپىتى، لاتقا-تاش ئاپىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھادىسە، ئاپەت كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، تاغ ئوتىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئۆچۈرۈش، قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش، ئوت ئاپىتى مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇقتىلىق ئورۇن، سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى ياخشى قوغداش لازىم. يېقىنقى مەزگىلدىكى كۆپ قېتىملىق ئورمان ئوت ئاپىتى ۋە ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىش ساۋىقىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، كۆزىتىش-ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ