مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

يەنە بىر تۈركۈم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم نورمىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ مىكرو كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاقىدار ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى

2020.04.01 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 31-مارت گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا يەنە بىر تۈركۈم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم نورمىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بېكىتىلدى؛ مىكرو كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاقىدار ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بىر قاتار تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئىقتىساد-سودا ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىس ئالدىدا مالىيە، پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچەپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ مىكرو كارخانىلارنىڭ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ، يەككە سودا- سانائەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ