مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يات مىللەتلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە كەمسىتىش ئۈچۈن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادا يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشقا زىيان يەتكۈزدى

2020.03.20 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ نامىنى بۇلغاش مەقسىتىدە جۇڭگوغا ھەدەپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، ئامېرىكىنىڭ بەزى تاراتقۇلىرى رۇشەن ھالدا ئىرقىي كەمسىتىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان جۇڭگونى ھاقارەتلەش ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى ھاقارەتلىدى. ئۇ ھەر خىل سۆز-ھەرىكەتلەر ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان باشقا دۆلەتلەرگە بولغان ھاكاۋۇرلۇقى ۋە «جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك بولسىلا قارشى تۇرۇش»تەك غەيرىي نورمال پىسخىكىسىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەتەرلىك ئىرقچىلىقى ۋە «چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراش» خاھىشىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ۋە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق پەيدا قىلىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى «ئارقىغا سۆرەيدۇ».

  نۆۋەتتە، يۇقۇم دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشتا، بەزى ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلار «جۇڭگو ۋىرۇسى» دېگەن سۆزنى قايتا-قايتا ئىشلىتىپ، خەلقئارا ئۆلچەمگە پىسەنت قىلماي، «ۋىرۇسنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى نەزەرىيەسى»نى تەرغىپ قىلدى. بۇ خىل قىلمىش ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ئورتاق تونۇشىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، خالاس.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۆپ قېتىم كۈچلۈك ئاۋازدا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىرۇسنى ئالاھىدە دۆلەت ۋە رايون بىلەن باغلاشقا قارشى تۇردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي سەھىيە ۋەقەسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى مايكول رۈيئەن 18- چېسلا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2009- يىلى A تىپلىق H1N1 تۈرىدىكى تارقىلىشچان زۇكام كەڭ تارقالغان جاي گەرچە شىمالىي ئامېرىكا بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى «شىمالىي ئامېرىكا تارقىلىشچان زۇكىمى» دەپ ئاتىمىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنى «جۇڭگو ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشتىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى ئۇ خىل خاتا ئاتاش ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا پايدىسىز.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ ئۇ خىل خاتا ئاتاشقا ئىنكاس قايتۇرۇلماقتا، مەسىلەن، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى روبېرت رېدفېلد ۋە سان فرانسىسكونىڭ شەھەر باشلىقى لوندون برىدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ۋىرۇسقا "جۇڭگو ۋىرۇسى" دەپ بەلگە چاپلاش «مۇتلەق خاتادۇر»، «ئۇ بىر ئەدەبسىزلىكتۇر ۋە ئەكسىچە ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغان قىلمىشتۇر» دەپ كۆرسەتتى.

  جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ۋە جۇڭگونى چەتكە قېقىش خاھىشى ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، ھەمدە غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ «رەڭلىك كۆزئەينىكى»ىدىمۇ ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. جۇڭگودا يۇقۇم كۆرۈلگەندە، غەربتىكى بەزى تاراتقۇلار ۋە جامائەت ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىغان ۋە بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراش ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان باھالار بىلەن ھەتتا جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئۇسۇللىرىنىمۇ ئىنكار قىلدى، «جۇڭگونىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشتۇر»، «مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ ئۇسۇلىدۇر» دېگەندەك نۇرغۇن سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىرلىرى بارغانسېرى خەلقئارا سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، بۇ سەپسەتىلەر تەبىئىي ھالدا بازاردىن ئايرىلىپ قالدى.

  يېقىندا، «ۋال سترېت كوچىسى گېزىتى»نىڭ بىر پارچە ماقالىسىنىڭ تېمىسىدا ئاشكارا ھالدا كەمسىتىش كۆز قارىشى تەرغىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ماقالە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن، شۇنداقلا ئامېرىكىدا غايەت زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان. لېكىن، كىشىلەرنىڭ بۇ گېزىتكە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە تەلىپىگە قارىماي، بۇ گېزىتتا ھازىرغىچە جۇڭگودىن يا رەسمىي ئاشكارا كەچۈرۈم سورىمىدى، يا ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىدى. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېئو بۇ گېزىتتىكى ماقالىنىڭ يامان خاراكتېرى ۋە تەسىرى بىلەن قىلچە كارى بولمىدى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى، ھەتتا ئاسىيا خەلقىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش ۋە كەمسىتىش سۆز-چۆچەكلىرى ئۈچۈن قىلچە تۆۋەن چەك بولمىغان ھالدا ئۇنداق سىياسەتۋازلارغا يار-يۆلەك بولۇپ بەردى.

  ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالساق، 19- ئەسىردىكى خولېرا يۇقۇمى ئىرېلاندىيە كۆچمەنلىرىگە دۆڭگەپ قويۇلغان، 1968- يىلىدىكى A تىپلىق H3N2 تۈرىدىكى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى «سىنگاپور ۋىرۇسى» دەپ ئاتالغان، ئىنسانلار ھەر قېتىم مەلۇم ۋىرۇس تەھدىتى ياكى يەر شارى خاراكتېرلىك كرىزىسقا دۇچ كەلگەندە، ھامان بىر قىسىم رەزىل كۈچلەر سەكرەپ چىقىپ، مەلۇم دۆلەت ياكى ئىرقنى "بالاغا قالغۇچى" دەپ قاراپ، كىشىلەرنىڭ تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆچمەنلىك ۋە چەتكە قېقىش كەيپىياتىنى قوزغاپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەپ كەلدى. بۇ خىل سۆزلەرنىڭ قانداق ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىقىغا ئۇلار قىلچە كۆڭۈل بۆلمىدى ۋە ئەھمىيەت بەرمىدى.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادا يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىن بولماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا، بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش ۋە بىرلەشمە كونترول قىلىشتەك خەلقئارا ھەمكارلىقنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ. بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىدىكى ۋە باشقا دۆلەتتىكى خەلقلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ قىلىشى كېرەك، باشقا دۆلەتنىڭ نامىنى بۇلغاپ، يات مىللەتلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ