مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ ساقچى تەرەپ يۇقۇم مەزگىلىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۈگۈرۈشكە چىققان ئاۋىستىرالىيە تەۋەلىكىدىكى ئايالنىڭ خىزمەت تۈرىدىكى تۇرۇش ئىجازىتى بىكار قىلىندى، سۈرۈك ئىچىدە چېگرادىن ئايرىلىدۇ، دېدى

2020.03.20 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئورگان تەرەپ ئۈندىدارى «تىنچ بېيجىڭ»نىڭ 19-مارت چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقۇم مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەسلىدە ئىجارە ئالغان ئۆيدە تۇرۇپ كۆزىتىش كېرەك بولسىمۇ، ماسكا تاقىماي بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سىرتقا چىقىپ يۈگۈرگەن ئاۋىستىرالىيە تەۋەلىكىدىكى لياڭ فامىلىلىك ئايالغا قارىتا، خىزمەت تۈرىدىكى تۇرۇش ئىجازىتىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىش، سۈرۈك ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىش قارارى چىقىرىلغان.

  بېيجىڭ ساقچى تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى تېز كېڭىيىپ، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ كىرىشىدىن ساقلىنىش — ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى. يېقىندا، شەھىرىمىز قاتتىق باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويدى، چېگرادىن كىرگەن، بېيجىڭغا كەلگەن خادىملار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، لېكىن ئايرىم كىشىلەر يەنىلا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان بولۇپ، يۇقۇمنى تارقىتىش يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت.

  3-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 15 لەردە، چاۋياڭ ج خ شۆبە ئىدارىسى مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، مەلۇم ئولتۇراق رايوننىڭ سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە خادىمى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، بىر ئايالنىڭ مەھەللە يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە ماسلاشمىغانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خۇجيالوۋ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لياڭ فامىلىلىك ئايال، 47 ياش، ئاۋسترالىيە تەۋەلىكىدە بولۇپ، بايېر تېببىي دورىگەرلىك-ساقلىقنى ساقلاش چەكلىك شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىكەن، 3- ئاينىڭ 14-كۈنى پايتەخت ئايرودرومىدىن بېيجىڭغا كىرگەن، خىزمەت قىلىپ تۇرۇش ئىجازىتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2020- يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغان. 15- چېسلا چۈشتىن كېيىن، ئەسلىدە ئىجارە ئالغان ئۆيدە كۆزىتىشكە تېگىشلىك لياڭ فامىلىلىك ماسكا تاقىماي ئولتۇراق رايوندا يۈگۈرگەن، مەھەللە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرى بايقىغاندىن كېيىن نەسىھەت قىلىپ توسقان، لېكىن بۇ كىشى ھاياجانلىنىپ، ماسلاشمىغان.

  خەلق ساقچىلىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن لياڭ فامىلىلىك بۇ ئايالغا تەنقىد- تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلغان، لياڭ فامىلىلىك باشقۇرۇشقا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قايتا سىرتقا چىقمىغان. لياڭ فامىلىلىكنىڭ قىلمىشى توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ئۆزى تۇرۇشلۇق شىركەت ئۇنى ئىشتىن بوشىتىپ بىر تەرەپ قىلغان. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، لياڭ فامىلىلىكنىڭ خىزمەت تۈرىدىكى ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتىنى بىكار قىلىش، سۈرۈك ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى قانۇن بويىچە قارار قىلدى.

  بېيجىڭ ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساغلاملىق، بىخەتەرلىك چوڭ مۇھىتىدا ئازراقمۇ چاتاق چىقىشقا بولمايدۇ. بېيجىڭ چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرماقتا، چېگرادىن كىرىپ بېيجىڭغا كىرگەنلەر پايتەختتىكى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئېلىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق بويسۇنۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، بىر نىيەتتە ئورتاق تىرىشىپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك. بېيجىڭ ساقچى تەرەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ