مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-ھىندىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭتۇڭى كوۋىند بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

لى كېچياڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2020.04.02 17:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭتۇڭى كوۋىند بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 70 يىلنى ئەسلىسەك، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئاجايىپ تەرەققىيات يولىنى بېسىپ ئۆتتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەت تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان تەرەققىيات شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلماقتا. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكىلەر ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. مەن جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ كوۋىند بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشنى، ئاسىيا ھەتتا دۇنيا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

  كوۋىند تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 70 يىلدىن بۇيان، ھىندىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ماھىيەتلىك تەرەققىياتقا ئېرىشتى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىلىرى كۈنسېرى كۈچەيدى. ھىندىستان بىلەن جۇڭگو بولسا، قوشنا دۆلەتلەر ۋە مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتلەر ھەمدە ئاساسلىق گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، رايون ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ زىچ بولغان تەرەققىيات-شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ