شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم

2020.04.02 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جېجياڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، «سەككىز ئەۋزەللىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك بولۇش كېرەك.

  باش باھاردىكى مارت ئايلىرى، جىجياڭ زېمىنىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، ئوت-چۆپلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن ئىدى. 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چې جۈن ۋە ئۆلكە باشلىقى يۈەن جياجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا نىڭبو، خۇجوۋ، خاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ پورت، كارخانا، يېزا، ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  3-ئاينىڭ 29-كۈنى، شى جىنپىڭ نىڭبودىكى جوۋشەن پورتىنىڭ چۇەنشەن پورت رايونىغا بېرىپ، پورت رايونىنى ئارىلاپ تەكشۈردى. چۇەنشەن پورت رايونى تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى بالدۇر ئەسلىگە كەلتۈردى، پورتنىڭ كىرگۈزۈش- چىقىرىش مىقدارى تەدرىجىي ھالدا كۈندىلىك سەۋىيەگە يەتتى. شى جىنپىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش زالىدا پورت رايونىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدا، شى جىنپىڭ پورت ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نىڭبو جوۋشەن پورتىدا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دۇنيا كەسىپ زەنجىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تۈرلۈك چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرىنىڭ مال توشۇشقا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ ۋە تەسىرىنى پەسەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكسپورت ماللىرىنى چىقىرىش، ئىمپورت ماللىرىنى كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ