مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قېينانا-كېلىن زىددىيىتىدىكى «تىنچلىق ساقلاش قوللانمىسى»

2020.03.23 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  ئادەتتە، ئاياللارنىڭ يېقىن مۇناسىۋەتنى ھېس قىلىش ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇلار ئائىلىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا توقۇنۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، قېينانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدا قارشى تەرەپتىن ھېسسىيات جەھەتتە يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا، بىللە ئۆتۈش جەريانىدا تاجاۋۇز قىلىش ۋە كونترول قىلىش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك دەپ ھېس قىلىدۇ.

  كىشىلەر ئائىلە زىددىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا، ئادەتتە قېيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەڭ تەس دەپ قارايدۇ.

  قېينانا-كېلىن توقۇنۇشى

  ئىككى نىسپىي ناتونۇش ئادەم ئوخشاش بىر بوشلۇقتا ياشىسا، نۇرغۇن توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. ئۆي جاھازلىرىنى قانداق تىزىش كېرەك؟ ئۆينى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ قانداق تاماق تەييارلاش كېرەك؟ ئۆي ئىشلىرىنى كىم قىلىدۇ؟ ۋەھاكازالار. قېينانا بىلەن كېلىن بىللە تۇرمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا بۇ خىل ئۈچ بۇرجەك مۇناسىۋەتتە ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تالىشىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، كېلىن بۇ توقۇنۇشتا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى توي قىلغان ئەرنىڭ ئانىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغان ۋاقتى ئاز بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، قېيىنئانىنىڭ ئوغلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، بۇ بەلكىم كېلىننى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوقتەك ھېس قىلدۇرۇشى مۇمكىن.

  قىزىقارلىقى شۇكى، قېيىنئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئادەتتە ھېسسىيات ياكى مۇھەببەتكە بولغان رىقابەتكە ناھايىتى ئاز مەركەزلىشىدۇ، بەلكى ئىككى ئايالنىڭ ئەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئارزۇسىغا تېخىمۇ كۆپ مەركەزلىشىدۇ. شۇڭا، قېيىنئانىلار ئوغلىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى تەپسىلىي ئەسلەپ قېلىشى مۇمكىن، كېلىنلەر بولسا قېيىنئانىسى چىقىرىۋېتىلگەن ھالەتتىكى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

  بالا تۇغۇلغاندا، بۇنداق توقۇنۇش قوزغىلىدۇ، ئەۋلادلار ئارا بالا بېقىشتىكى تاللاش پەرقى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. بۇ چاغدا كونا بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مۇرەسسە قىلىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن بىردەك بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

  «تىنچلىق ساقلاش»نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى

  ئەگەر مۇناسىۋەتتە باشتىلا توقۇنۇش بار بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق توقۇنۇشنىڭ يوقىلىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ ياخشى نەتىجە شۇكى، ئىككى تەرەپ ياخشى ئالاقە ماھارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي قارشىلىشىشنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىدۇ. بۇنىڭدا ھالقىلىق بولغىنى مۇھىم نۇقتىنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان كىچىك مەسىلىلەرگە قارىتىش كېرەك (مەسىلەن بۇ يىل بىر ئائىلىدە چاغان ئۆتكۈزۈش، كېلەر يىلى يەنە بىر ئائىلىدە چاغان ئۆتكۈزۈش دېگەندەك).

  چوڭقۇر قاتلاملىق، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، كېلىنىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك شەخسىي تەرەققىيات پىلانى بولمىسا، ئۇنىڭ كەسپىي پىلانىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئەڭ مۇھىمى تىنچلىقنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى دەل «ئۇرۇش ئېلان قىلىش» تىن ساقلىنىشتۇر. مەسىلەن: ئاشكارا سورۇنلاردا قارشى تەرەپنى كەمسىتمەسلىك، قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى ئاشكارىلىماسلىق كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، يۈز-خاتىر قىلىنماي بىر- بىرىگە قىلىنغان بارلىق گەپ-سۆز ھۇجۇملىرىنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، كەلگۈسىدە ھەرقانداق ئادەمگە پايدىسىز قارا بۇلۇت پەيدا بولىدۇ. ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلماي، بىر ئۆمۈر مېڭىسىدە قايتا-قايتا ئەكس سادا پەيدا قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ