مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى دېگەن نېمە؟ كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى قانداق بايقاش كېرەك؟

2020.04.02 17:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدىكى تەسىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 31-مارت ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالاقىدار مەسىلىلەرگە نوپۇزلۇق جاۋاب بېرىلدى.

  كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار دېگەن نېمە؟

  كېسەللىك ئالامىتى يوق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دېگىنىمىز قىزىش، يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق ھېس قىلغىلى بولىدىغان كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىلىنىكىدا پەرقلەندۈرگىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن بەلگىلىرى يوق، لېكىن نەپەس يولى قاتارلىق ئەۋرىشكىلەرنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس پاتولوگىيەسىدە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلارنى كۆرسىتىدۇ.

  كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى قانداق بايقاش كېرەك؟

  بايقاش يولىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق بايقىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى مۇنداق تۆت يول بار: بىرى، قويۇق ئۇچراشقانلارنى تېببىي كۆزىتىش؛ ئىككىنچىسى، توپلانما يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش؛ ئۈچىنچىسى، يۇقۇم مەنبەسىنى ئىز قوغلاش؛ تۆتىنچىسى، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى داۋاملىق تارقىلىدىغان رايونلاردا ساياھەت تارىخى ياكى ئولتۇراقلىشىش تارىخى بار قىسمەن خادىملارنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت.

  كېسەللىك ئالامىتى يوقلار بايقالغاندىن كېيىن، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟

  كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار 14 كۈن مەركەزلىك ئايرىۋېتىلىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن 14 كۈن مەركەزلىك ئايرىۋېتىلىپ، ئىككى قېتىم ئۇدا 24 سائەت ئارىلاپ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىققانلارنى ئايرىۋېتىش بىكار قىلىنسا بولىدۇ، ئەگەر يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە يەنىلا مۇسبەت چىققان بولسا، داۋاملىق مەركەزلىك ئايرىپ، تېببىي كۆزىتىش كېرەك. مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرتىپ، دەرھال بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش كېرەك.

  كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنىمۇ 14 كۈن ئايرىپ، تېببىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ؟

  كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنىمۇ 14 كۈن ئايرىپ، تېببىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى ساقايغاندىن كېيىن، يېڭى تىپتىكى تاجسمان ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېتقا ئېرىشەمدۇ؟ قايتا يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسىگە ئاساسەن، بىمار تۆت جەھەتتىكى شەرتنى ھازىرلىغاندىلا ئاندىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىماردىن دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، داۋاملىق 14 كۈن ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئورگانىزمدا تەدرىجىي ھالدا ۋىرۇسقا قارىتىلغان ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىك ئانتىتېلا پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي ھالدا ۋىرۇسنى نېيتراللاشتۇرىدۇ ۋە تازىلايدۇ، سالامەتلىك ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ، سالامەتلىك ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئىممۇنىتېت كۈچى ھازىرلىنىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن قايتا يۇقۇملانمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ