مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەرنى ئۈستىگە ئالدى؟

2020.03.24 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئاتلىنىپ، ۋىرۇسنىڭ يەر شارىدىكى «1-تۈركۈم» ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، دۇنيا ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى. يۇقۇمنىڭ كۆپ دۆلەت، كۆپ نۇقتىلاردا پارتلىشىدەك كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ بار كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېھتىياجلىق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ياردەم قولىنى سۇندى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى، «دۇنيا زاۋۇتى» تېزدىن قوزغىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا زەربە بېرىشىگە ئىشەنچ قوشتى.

  شىددەت بىلەن كەلگەن ۋىرۇسلار ئالدىدا، جۇڭگو قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، چۈنكى بۇ پەقەتلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قولغا كەلتۈردى؛ جۇڭگو ئاشكارا، مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئەھۋالنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىدار ۋىرۇس گېن تەرتىپىدىن ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەھرىمەن بولدى. جۇڭگونىڭ كۈچى، ئۈنۈمى، سۈرئىتى قاتارلىقلارنى نامايان قىلىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر كېسەللىكنىڭ خەلقئارادا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تۇنجى مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە زەربە بېرىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى.

  يۇقۇمنىڭ يەر شارى مىقياسىدا يامرىشىغا قارىتا، جۇڭگو ياخشىلىقنى قايتۇرۇپ، ھەققانىيەت يولىدا چىڭ تۇردى. جۇڭگو خەلقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر بولغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ھازىرغىچە، جۇڭگو 82 دۆلەت ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى سىن يىغىنى ئاچتى.

  «ھەقىقىي دوست، بوران ـ چاپقۇندىمۇ بىللە ئىلگىرىلەيدۇ!»، «يوقال، زۇلمەت كېچە! تاڭ ئاتقاندا بىز غەلىبە قىلىمىز!»، «ئىتتىپاقلىق كۈچ»... ياردەم ماددىي ئەشيالىرىغا بېسىلغان سۆز- ئىبارىلەر جۇڭگو خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە تىلىكىنى ئىپادىلىدى. فىرانسىيە مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى «ياۋروپانىڭ ئەگرى-توقاي يوللاردا ئاز مېڭىشىغا ياردەم بەردى»، دېدى، ئىتالىيە كوچىلىرىدا «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، سېربىيە زۇڭتۇڭى ئۆزى ئايرودرومغا بېرىپ، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنى كۈتۈۋالدى... يۇقۇم يەر شارى بويىچە يامرىغاندا، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قىيىنچىلىقلارنى تەڭ يەڭگەن كۆرۈنۈش كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى.

  نۆۋەتتە، جۇڭگو ئەڭ قىيىن، ئەڭ مۈشكۈل باسقۇچتىن ئۆتۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. «دۇنيا زاۋۇتى»نىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى نۆۋەتتىكى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن شۈبھىسىزكى زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى يەر شارى بويىچە داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرەك ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يۇقۇم ئالدىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جاپا ۋە ھالاۋەتتە بىرگە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشتىكى توغرا پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى، يۇقۇمنىڭ پۈتۈن دۇنيادا يامرىشى ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپرەك ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق بولۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندە دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان پەيت ئاخىرى يېتىپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ