مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش شۇنچە تەسمۇ؟

2020.03.26 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇم ئالدىدا، ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. 2003-يىلىدىكى سارس يۇقۇمىدىن كېيىن، جەمئىيەتتە ئايرىم غىزالىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. «سارس»نىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى يەنە بىر قېتىم جەمئىيەتنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

  ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولامدۇ؟ ئەمەلىيلەشتۈرۈش زادى نېمىشقا قىيىن؟

  ئايرىم غىزالىنىشنى يولغا قويۇشتا «جاراھەت ساقايسىلا ئاغرىقنى ئۇنتۇپ قېلىش»قا بولمايدۇ

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جايلار ئېلان قىلغان يۇقۇم ئەھۋالى مىساللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئائىلىلەردە يىغىلىش ياكى سىرتقا چىقىپ غىزالىنىشتىن يۇقۇملانغان بىمارلار كۆرۈلگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردە يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئورتاق غىزالىنىشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.

  يۇقۇم يەنە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، ئەمما كېسەللىكنىڭ تۈرلۈك تارقىلىش يوللىرى ئىچىدە، شۆلگەي ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرى ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەنئەنىۋى غىزالىنىش تۈزۈمى ساغلاملىققا يوشۇرۇن ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، كۆپ خىل ۋىرۇس، باكتېرىيەلەر تاماق يېگۈچىلەر ئارىسىدا تارقىلىدۇ. مەسىلەن، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى، زۇكام ۋىرۇسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئارا قورۇما قىسىپ ئېلىپ بەرگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقىلارغا يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قېتىم تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يۈز بەرگەندە، ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىنىدۇ. 2003-يىلى «سارس» يۇقۇمى مەزگىلىدە، جۇڭگو مېھمانساراي جەمئىيىتى مەخسۇس «يېمەك- ئىچمەك كەسپىنىڭ ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى ئەسلىھەلىرى شارائىتى ۋە مۇلازىمەت قائىدىسى»نى تۈزۈپ چىققان، لېكىن «سارس» يۇقۇمىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىمۇ بارا- بارا كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن چىقىپ كەتتى.

  ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش زادى نېمىشقا قىيىن؟

  شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت تىلغا ئېلىندى، نېمە ئۈچۈن ئەمەلىيلەشتۈرۈش بۇنچە تەس؟ زىيارەتتە بايقىلىشىچە، يېمەك- ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تىجارەتنى ئارقا- ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جايلاردىكى نۇرغۇن ئاشخانىلار تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشۇپ، ئايرىم غىزالىنىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق بىلەن تەمىنلىدى، لېكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كەلدى.

  ئالدى بىلەن ساغلاملىق ئېڭى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى بولدى.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پۈتكۈل جەمئىيەتتىن قارىغاندا، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەردىلا ئايرىم غىزالىنىش ئېڭى بار بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەردە بۇ ئۇقۇم يوق ئىكەن. 20 مىڭغا يېقىن تورداشقا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %40 تورداش ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قوللايدىكەن، %30 تورداش بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىكەن. مەلۇم تورداش: ئىزچىل بىللە غىزالىنىشقا ئادەتلىنىپ قالدىم، «بىللە غىزالىنىشنىڭ سالامەتلىككە خەۋپ-خەتىرى باردەك ھېس قىلمىدىم. لېكىن، بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمغا ئايرىم غىزالىنىش ياكى ئاممىۋى چوكا بىلەن قورۇما قىسىپ ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەسىھەت قىلىمەن»، دېدى.

  ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتمۇ ئايرىم غىزالىنىشنى چەكلەيدىغان مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ- ئادەت، ئادىمىگەرچىلىكنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالدا بىللە تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئايرىم غىزالىنىش قارىماققا بىرئاز «ھاكاۋۇر»، «توپقا ئارىلاشمايدىغان»، «يات كۆرۈدىغاندەك» كۆرسىتىدۇ. «نۇرغۇن ياشانغانلار كۆز قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى دەرھال قوبۇل قىلالمايدۇ». بولۇپمۇ يېزا رايونلىرىدا ئاممىۋى چوكا تۈزۈمى ۋە ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ.

  يەنە بەزى كارخانىلار ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنىڭ تاماقخانىلارنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىشىدىن، بەزى ئالاھىدە قورۇمىلارنى بۆلۈپ قاچىلاشقا بولمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. نۇرغۇن يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ دېيىشىچە، ئاشپەزلەر ياكى مۇلازىمەتچىلەر تاماقنى بۆلۈپ چىقىرىش ئۇسۇلى مۇقەررەر ھالدا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، يەنە كېلىپ بەزى گۈل ئويۇش، تەخسە تىزىش قاتارلىق ئالاھىدە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان قورۇمىلارنى چىقىرىشتا قورۇمىنىڭ مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «ئېغىز مەدەنىيىتى» ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا مۇھتاج

  زىيارەتتە بايقىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئوپچە غىزالىنىشتا ساقلىنىۋاتقان ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپىنى ھېس قىلدۇرغان، يۇقۇم يەنە ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش، «ئېغىز مەدەنىيىتى»نى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ بىر قېتىملىق پۇرسىتى بولۇپ قالغان.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنىڭ ئېغىزدىلا ئالقىشلىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەسلىكتىن ساقلىنىش كېرەك، ئالاقىدار تارماقلار ئايرىم غىزالىنىش تەشەببۇسىنى چىقارغاندىن سىرت، يەنە ئالاقىدار تاماق ئۈستىلى مەدەنىيىتى ھەرىكەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، ئاممىنى مەدەنىي غىزالىنىش، ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يېزا رايونلىرى ئاممىۋى چوكا تۈزۈمى ۋە ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاجىز ھالقا بولغاچقا، يېزىلاردا «تاماق ئۈستىلى ئىنقىلابى» قوزغاپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەدەنىي، پاكىز تاماقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە تەدرىجىي ياردەم بېرىش زۆرۈر.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالاقىدار تارماقلار داۋاملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، قەرەللىك ھالدا ئاشخانىنىڭ بىخەتەرلىكى، تازىلىقىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، مەسىلەن، ئايرىم غىزالىنىش ياكى ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش-تەمىنلىمەسلىكنى ئاشخانىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈشى ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئاشخانىلارغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

  بېيجىڭدىكى بىر ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق بىلەن تەمىنلەش — ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قولايلىق، ئۈنۈملۈك يولى. مەسىلەن، ساماۋەر شورپىخانىلىرى «بىر ئادەم بىر قازان» مىقدارىدىكى كىچىك قازان ۋە ئاممىۋى چوكا سەپلەنگەن چوڭ قازان تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىغا قويسا بولىدۇ. خېرىدارلارنى يېتەكلەش سودىگەرلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدارلارنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىشى، ماسلىشىشى تېخىمۇ مۇھىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ