مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا، يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىچىدىن ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.03.24 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش ياخشى تۇتۇش كېرەك. نۆۋەتتە، ۋۇخەن شەھىرىنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلغان ھالدا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تارقىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن توسۇلدى. لېكىن، ئاز ساندا تارقىلىپ يۈرىۋاتقان كېسەللەرنىڭ ۋە بىر قىسم جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان يۇقۇمنىڭ يەنە داۋاملىشىش خەۋپ-خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، يۇقۇم پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقالدى، ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، مېڭىنى سەگەك تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. «يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچىدىن ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي مۇداپىئە-كونترول تاكتىكىسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك. ۋۇخەن شەھىرى ۋە خۇبېي ئۆلكىسى يەنىلا تېبىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش ۋە مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يېڭىدىن پەيدا بولغان كېسەللەرنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ داۋالىشى ھەمدە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. جايلار ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ۋە ئۇچۇرنى ئاشكارا ئېلان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇشقا ۋە چالا مەلۇم قىلىشقا بولمايدۇ، يۇقۇمنى بايقىغان ھامان دەل جايىدا باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى يولغا قويۇپ، دىققەتنى كېسەللىك يۈز بەرگەن ۋە تارقىلىش ئېھتىمالى بولغان سورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چەكلىك دائىرىدە كونترول قىلىشى كېرەك. خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشى ۋە سىرتقا چىقىشنىڭ دەل جايىدا ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا ئالدىنى ئېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، چەت ئەل سودا ساھەىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىمىز ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر چېگرا سىرتىدىكى پۇقرالارنى كونسۇل تەرىپىدىن قوغداش ۋە يۇقۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ