مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.03.19 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى يىغىن ئېچىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى-تۆۋەن ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىشتەك ھالەت ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە كېڭىيىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىزمۇ نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، بولۇپمۇ چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى، ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان پايدىسىز تەسىرى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىمۇ يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىكى باسقۇچلۇق ئۆزگىرىشنى توغرا ئىگىلەپ، ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە قاراپ خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىش كېرەك. خۇبېي بىلەن ۋۇخەننىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە كېيىنكى خىزمەت ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر، باشقا رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىشىشىنىڭ كۆپىيىشى ئېلىپ كېلىدىغان يۇقۇمنىڭ قايتا ئۆرلەش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت، بولۇپمۇ خەلقئارادىكى يۇقۇمنىڭ تېز كېڭىيىشى ئېلىپ كېلىدىغان سىرتتىن كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر ئاشتى. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىگە قەتئىي يولغا قويماسلىق كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ يۇقۇم ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىپ مۆلچەرلەشنى كۈچەيتىپ، سىرتتىن كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە سىياسەت تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئالاقە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە بولغان يېتەكچىلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىنى قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ