مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇخبىرلاردىن كەلگەن خەت: «خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش»تەك پەسكەش ئادەتكە جەڭ ئېلان قىلىمىز

2020.03.11 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

جاندارلار ئويغىنىش مەۋسۇمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھاۋا ئىللىشقا باشلىدى. يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان نۇقتىلىق رايونلاردىن باشقا جايلاردىكى كىشىلەر ئەمدى ئارقا-ئارقىدىن ئۆيلىرىدىن چىقىشىپ، ئۇزاقتىن بېرى كۆرۈپ باقمىغان قۇياش نۇرىدىن ھوزۇرلىنىشقا باشلىدى.

  مۇخبىر غەربىي قىسىمدىكى بەزى ئۆلكىلەردە، سودا سارايلار ۋە مېھمانخانىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىغانلىقىنى، كوچىلاردىكى ئاپتوموبىللار ۋە كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرىكى قاينام-تاشقىنلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمىنىڭ كۈندىن-كۈنگە تېزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بىراق، شۇنىڭغا ئەگىشىپ بەزى مەدەنىيەتسىز قىلىقلار ۋە ئەھۋاللارمۇ "يەنە كوچىغا چىقىپ قايتا پەيدا بولۇش"قا باشلىدى. بەزىلەر ماسكىنى يېرىم تاقاپ تاماكا چېكىپ ماڭماقتا، بولۇپمۇ بەزىلەر ماسكىسىنى ئېلىۋېتىپ ئۆزى تۇرغان جايىغا بىرنى تۈكۈرىۋەتكەندىن كېيىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك يولىغا راۋان بولماقتا، ئاۋات رايونلار ۋە كوچىلاردا، ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىدا بەلغەم ئىزلىرى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.

  «خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش» بىر كونا ئادەت، يەنە كېلىپ، بۇ خىل ئادەت نۇرغۇن جايلاردا مەۋجۇت. «پاسكىنا نەرسىلەر»نىڭ مۇھىت ئاسراشقا قانچىلىك ئەمگەك يۈكى پەيدا قىلىپ، قانچىلىك شەھەر باشقۇرۇش تەننەرخى پەيدا قىلغانلىقىنى دېمەيلا قويايلى، ئۇنىڭ كېسەللىك تارقىتىش خەۋپى جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ خىل پەسكەش ئادەت كىشىلەرنىڭ يېتەرلىك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك.

بەلغەم دېگىنىمىز، نەپەس يولىدىكى بىر خىل ئاجرالما بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە مىليونلىغان ۋىرۇس بولىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى كېرەكسىز ماددا بولۇپ، ئۇ سارس، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، تارقىلىشچان زۇكام، خولېرا ۋە قىزىل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. كىچىككىنە بىر بەلغەم ئىچىدە مىليونلىغان ۋىرۇس بار دېيىشكە بولىدۇ.

  «خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك ۋە خالىغانچە تۈكۈرمەسلىك» بولسا، مەكتەپ مائارىپىنىڭ «ئادەت سۆزى»، ھەم شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ «ئۆلچەش ئۆلچىمى» بولۇپ، بەزى جايلارنىڭ «مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»دا ئېنىق بەلگىلىمە سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. روشەنكى، «خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش»تەك ناچار ئىللەت بىر شەخسنىڭ ساپا مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە بىر خىل ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك مەسىلىسى، ھەم شۇنداقلا ئاممىۋى سەھىيە ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشتۇر. كىشىلەر ھەمىشە بۇ خىل پەسكەش قىلىققا پەرۋا قىلماي ئۆتكۈزىۋېتىدۇ-دە، نەتىجىدە كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەر پەقەت كېسەل بولغاندىلا ئاندىن ئۇنداق ناچار ئادەتنى ئەيىبلىشىگە باشلايدۇ.

  كۆپچىلىك، سىلەر ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلار كېرەككى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سىگنالى يەنىلا چېلىقلىق ھالەتتە تۇرماقتا، سەھىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئىنسانلار ھەر ۋاقىت دۇچ كېلىۋاتقان ھاياتلىق مەسىلىسىدۇر. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئالدىدا، بۇ زەھەر ئالۋاستىسىنى يېڭىشكە جۇڭگونىڭ ئەلۋەتتە تولۇق ئىشەنچى بار. ئەمما شۇنداقتىمۇ بىزدە يەنە كەلگۈسىدىكى سەھىيە يوشۇرۇن خەۋپىگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك، شۇ ئارقىلىق، «خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش»تەك پەسكەش قىلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ، بۇ «جاھىل كېسەل» ئادەتنى چوقۇم يوقىتىشىمىز كېرەك.

  بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا نەچچە مىڭلىغان قېرىندىشىمىز ئۆز ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىدى. ئەگەر كۆپچىلىكنى سەگەكلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق بۇ ناچار ئادەتلەرنى يەڭگىلى بولسا، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇمۇ بىزنىڭ بىر چوڭ غەلبىمىز ھېسابلىنىدۇ. يۇقۇمدىن كېيىن، ھەتتا ھازىردىن باشلاپ، ئالاقىدار تارماقلار پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش»تەك پەسكەش قىلىقنى مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە مۇشۇ ناچار ئادەت ئارقىلىق زىيان يەتكۈزىدىغان بۇ خىل ناچار قىلمىشنى قاتتىق تۈزىشى كېرەك.

  ئەلۋەتتە، دۆلەت قاتلىمى بويىچىمۇ قانۇن-قائىدىلەرنى تۈزۈپ، «خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك ۋە خالىغانچە تۈكۈرمەسلىك»نى ئۇ قانۇن-قائىدىلەرگە ئېنىق يېزىپ، ھەمدە ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەلەپ قىلىپ ۋە قاتتىق تەكىتلەپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچىلار، نازارەتچىلەر ۋە مەنپەئەتدارلاردىن بولۇشى كېرەكلىكى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ