مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇلارنى سۆيۈش بۇ بىر كۈن بىلەنلا تۈگەپ قالمىسۇن

2020.03.09 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  تۆنۈگۈن — 110-نۆۋەتلىك «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى.

  يۇقۇم سەۋەبلىك، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئاياللار بايرىمى بولۇپ قالدى.

  «ئۇ»لارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.

  ....

  بايرامنىڭ ئەھمىيىتى پەقەت خاتىرىلەشتىلا ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ بۇ كۈندە ئوخشاش ئىشنى قىلىپ، بۇ ئارقىلىق كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئاندىن ئورتاق تونۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىدا، ئاياللار بايرىمىمۇ ئوخشاش. ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن كۆڭۈل بۆلۈش — جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا يازغان ئەڭ تەسىرلىك «مۇھەببەت خېتى»دۇر. ئاشۇ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن جىنسىي كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، ئاشۇ كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان «چەكلىمىلەرنى» چۆرۈپ تاشلاپ، ئاشۇ كونا قاراشلاردىن ۋاز كېچىپ، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى شوئارىنى ھاياتنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، «ئۇلار»نىڭ ھاياتىغا ئەڭ گۈزەل ھۆسىن قوشۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك «ئاياللىق كۈچى»نى قوزغاتقىلى بولىدۇ.

  بۇ بىر مەيدان يۇقۇمغا زەربە بېرىش ئۇرۇشىدىن بۇرۇن، ئۇلارمۇ گۈزەللىكنى ۋە گىرىم قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى تۈزەشتۈرەتتى، سۈرەت تارتقاندىن كېيىن تۈجۈپىلەپ ئوڭشايتتى. يۇقۇم ئالدىدا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە چوڭقۇر ماسكا ئىزلىرى قالدى، ھەتتا قان ئۇيۇپمۇ قالدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن، ئۇلار چېچىنى كېسىۋەتتى، ھەتتا چاچلىرىنى پۈتۈنلەي چۈشۈرۈۋەتتى، قوغداش كىيىمىنى تېجەش ئۈچۈن، قېلىن زاكا ئىشتىنى كىيدى... بىمارلارنىڭ ئالدىدا ئۇلار گۈزەللىكنى سۆيۈش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، ئەمما ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى كۆزنى تېخىمۇ چاقناتتى. دوختۇرخانىدىن چىققان بىر بىمار: «يۇلتۇزلارنى يورۇق دېگەنلەر چوقۇم تېببىي خادىملارنىڭ كۆزىنى كۆرۈپ باقمىغان!»، دېدى. ئۇلارغا تەۋە بۇ بايرامدا، ئۇلار يەنىلا يۇقۇمغا زەربە بېرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرماقتا. باتۇر ئاياللار، قەيسەر ئاياللارغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئېسىل ماختاش سۆزلىرىمىز بىلەن ئىپادىلىيەلمەيمىز. ئۇلارغا بولغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت بىلدۈرۈش دەل ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى چۈشىنىش ۋە ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈشتۇر. ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش دەل ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىشتۇر.

  ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە مىنۇت-سىكۇنتنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇشتىن، شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللىلەردە ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقىچە، قۇراشتۇرۇش لىنىيەسىدىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشتىن، ئىلمىي تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تەتقىق قىلىشقىچە سانسىزلىغان ئاياللار قىيىنچىلىقلارغا ئېتىلىپ ئالدىدا مېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ، بەزىلىرى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، بەزىلىرى ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە بېغىشلىشى، تۆھپە قويۇشى ۋە پىداكارلىقى سانسىزلىغان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى ھەمدە ئۇلارنىڭ بايرىمىغا شان-شەرەپ قوشتى! يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى «سۇلماس ئەتىرگۈل»لەر ئۇلارنىڭ بۇ كەسكىن كۈرەشتىكى ھەرىكىتى ۋە روھى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئاياللىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئايال قەھرىمانلىرى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى!

  بۇ بىر مەيدان يۇقۇمغا زەربە بېرىش ئۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلار نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى ۋە نۇرغۇن قۇربانلىق بەردى. ئەگەر بۇ ئالاھىدە ئاياللار بايرىمىدا قايسى ئاياللار بەكرەك ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىققا ئەرزىيدۇ دېيىلسە، شۈبھىسىزكى دەل يۇقۇمغا زەربە بېرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان ئايال تېببىي خادىملاردۇر. ئۇلارنىڭ بەدىلى ۋە قۇربانلىقى ئۈچۈن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك. يۇقۇمغا زەربە بېرىش جەريانىدا، ئۇلار ئوخشىمىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئوخشىمىغان باسقۇچلاردا ئوخشىمىغان روللارنى ئوينىدى. ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيسەرلىكى، ئۆزىنى بېغىشلىشى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە سەمىمىيلىكى بىرلىشىپ پارلاق ۋە قەيسەر ئاياللار قىياپىتىنى بەرپا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ