ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

2020.02.27 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى تەھلىل قىلىنىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا قىلغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 26-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا قىلغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلدى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ياخشى ۋەزىيەت پائال كېڭىيىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تېز ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، باشقا ئالاقىدار رايونلاردا يۇقۇمنىڭ قايتا ئەۋج ئېلىش خەۋپ- خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، توغرا يېتەكلەشنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ