مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يەيدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش زۆرۈر

2020.03.04 17:27 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى ‐‐ 7-قېتىملىق دۇنيا ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كۈنى. يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتكۈل جەمئىيەتنى ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يەيدىغان ناچار ئادەتلەر ئۈستىدە ئويلاندۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ خاتىرە كۈن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈشتە ئىشنى ھەربىر ئادەمدىن باشلاش كېرەك. ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن گۈزەل يەر شارى ماكانىمىزدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ‐‐ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولدۇر.

  ئىنسانلار بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ خوجايىنى ئەمەس. بۇ كۆك پىلانېتىدا ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۈرى خۇددى بىپايان ئالەمدە ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش كۆپ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىنسانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بالدۇر بۇ دۇنياغا كېلىپ، نەچچە يۈز مىليون يىل ھەمكارلىشىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، يەر شارى ئېكولوگىيە ماكانىنى بىرلىكتە بەرپا قىلغان. ھەر بىر تال ئوت-چۆپ، ھەر بىر ھايۋان، ھەر بىر تال چاڭ-توزان ئۈستىدىكى باكتېرىيەنىڭ ھەممىسى بۇ ئائىلىنىڭ بىر مولېكۇلىسىدۇر. ئادەم تەبىئەت سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، تەبىئەت بىلەن بىر خىل ئورتاق ياشاش مۇناسىۋىتى بار، تەبىئەتكە بولغان زىيان-زەخمەت ئاخىرىدا ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بەزى ئەتىۋارلىق تۈرلەرنىڭ يوقىلىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى تەبىئەتنىڭ بىزگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇشى مۇمكىن.

  ئېلىمىز يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى سىستېملىق يولغا قويۇش ئارقىلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈر توپى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئاشتى. لېكىن سەل قاراشقا بولمايدىغىنى شۇكى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادىي پويىز تېز سۈرئەتتە يۈرۈش جەريانىدا، بايلىق زىيادە ئېچىلىپ، بۇلغىنىش ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىپ، زور ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ، خېلى كۆپ ساندىكى ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈر توپى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تەبىئىي مۇھىتنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاشنى تېخىمۇ تېز ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپى، ھەم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنىڭ تېمىسى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش بىر شوئار ئەمەس. تاماقلىنىش مەدەنىيىتىنى قوغلىشىشتا كونكرېت ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىشنى رەت قىلىش تاماق ئۈستىلىدىكى قىلىش كېرەك بولغان ھەمدە قىلغىلى بولىدىغان مەدەنىيەتتۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋايى ھايۋانلار قانۇنسىز سودىسى يەنىلا بەزى جايلاردا كەڭ مەۋجۇت بولۇپ، «ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىش كەسپى»نىڭ كۆلىمى زور بولماقتا.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- يىغىنى يېقىندا قارار ماقۇللاپ، قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يەيدىغان ناچار ئادەتلەرنى مەنئى قىلدى. بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشى ئۈچۈن ئېنىق ھەرىكەت ئۆلچىمى چىقاردى. لېكىن بۇ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى پەقەتلا باشلىنىش نۇقتىسى. بىز يەنە مۇنۇلارنى قىلالايمىز:

  بىرىنچىسى، قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىش؛

  ئىككىنچىسى، قانۇنسىز مەنبەدىن كەلگەن دورىلىق ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ياسالمىلىرىنى رەت قىلىش؛

  ئۈچىنچىسى، ياۋايى ھايۋانلارنى ئەرمەك ھايۋان قاتارىدا بېقىشنى رەت قىلىش؛

  تۆتىنچى، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش ۋە قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى قېزىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش.

  ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشتا ھەم كىچىك ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇش، تېخىمۇ مۇھىمى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇش كېرەك. بۇ يىلقى ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كۈنىدە، ئېلىمىز دۇنيا ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى قوغداشتىن ئىبارەت باش تېمىنى بېكىتتى. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ياشايدىغان تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلار دەل ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىدۇر. ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تۈر توپىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلار يىلتىز تارتقان يەر ۋە سۇ مەنبەسىنى قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانى ۋە ئوزۇقلۇق زەنجىرىنى قوغداش، ھەتتا بىز ئورتاق نەپەسلىنىدىغان ھاۋانى قوغداش كېرەك.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاۋارە قىلماي، قۇشلارنىڭ ئورمانلىقتا خۇشال-خۇرام ناخشا ئېيتىشى، بېلىقلارنىڭ دېڭىزدا ئەركىن سەيلە قىلىشى ‐‐ يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئىناق بىللە ياشاش يولىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ