مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن كۈچ ئارقىلىق يۇقۇم بىلەن جەڭ قىلىشتا كىشىلەر «ياخشى باھا»غا ۋە «رىغبەتلەندۈرۈش»كە مۇھتاج

2020.03.03 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ، بىر مەيدان توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدۇر، ھەم شۇنداقلا بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇشتۇر.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پارتىيە كادىرلىرى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، تېببىي خادىملار ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، كېچە-كۈندۈزلەپ جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى بۇيرۇق بويىچە ھەرىكەتكە كېلىپ، قاتتىق جۈرئەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىۋاتىدۇ. بىز قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، باتۇرلارغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. «يۇقۇملۇق كېسەل»نىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان ھەر بىر ئاددىي قەھرىمان «ياخشى باھا» بىلەن رىغبەتلەندۈرۈلۈشكە مۇھتاج، ئۇلارنىڭ «يۇقۇملۇق كېسەل»گە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى مۇھەببەت ۋە ئىلھاملار بىلەن ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك.

  «ياخشى باھا» بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىشىش چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت. بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ۋاقتى قىس، ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى قاتتىق جەڭ قىلىدۇ. ئۇلارمۇ ئادەتتىكى ئادەم بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئېغىر بېسىم ئاستىدا چارچاپ كېتىشى مۇقەررەر، ئۇلارنىڭ تەشۋىشلىنىشكە چۈشۈشتىن ساقلىنىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ خادىملار بەزىدە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى چۈشەنمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مومكىن. كۈنلەر نەدىمۇ تىنچ ئۆتسۇن؟! سىز تۇيمايسىز، چۈنكى، پەقەت مۇشۇنداق جاپاكەش خىزمەتچى خادىملار سىز ئۈچۈن ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقاچقا، بىز ئاندىن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش ئۈچۈن، بىز باشقىلار بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز، كەڭ قورساق بولۇشىمىز، ئۆزئارا يول قويۇشىمىز، ئۇنداقلارغا كۆپرەك سالام بېرىشىمىز، رەھمەت ئېيتىشىمىز، زىددىيەتنى پەسەيتىشىمىز، تىنچلاندۇرۇشىمىز، جەڭگىۋار جاسارەت ۋە ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز زۆرۈر.

  «ياخشى باھا» بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، ئومۇمىي خەلق قوللايدىغان ئىلھامدۇر. بۇ قېتىمقى «يۇقۇملۇق كېسەل» ئۇرۇشىدا، نۇرغۇن ئاددىي قەھرىمانلارنىڭ بارلىقى ئاشىكارلاندى. ئۇلار ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتەك بۇ خىل ئىرادىسى ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەشتە، بىزدە قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان يۆنىلىش، قەھرىمانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان پوزىتسىيە، قەھرىمانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇشى كېرەك؛ يەنى، پەقەت پۈتكۈل خەلق ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرگەندىلا ۋە پەقەت بارلىق كىشىلەر بىردەك ھالدا ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇلاردا شۇنداق بىر ھىس-تۇيغۇ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇكى، جەڭ قىلىۋاتقانلار پەقەت ئۇ بىر ئادەملا ئەمەسكەن، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ئۇلار باشتىن-ئاخىر باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە ھەمراھ بولۇشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ جەزمەن شۇنداق ھېس قىلالىشىغا سەۋەب قىلىشىمىز لازىم.

  «ياخشى باھا» بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقىنىڭ خاتىرجەم قىلىشىدۇر. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن جايلار «يۇقۇملۇق كېسەل»گە قارشى تۇرۇشتىكى ئىلغار پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەقدىرلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بۇ جەڭگىۋار قەھرىمانلارغا مەدەت بېرىپ، تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى، بۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. بۇ جەڭ ئالدىدا، داغدۇغىلىق تەقدىرلەشلەر ئارقىلىق، ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەقدىرلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «يۇقۇملۇق كېسەل» بىلەن جەڭ قىلىشنى تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇپ، بەدەل تۆلىگەنلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنى خاتىرجەم قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى كۈچلۈك بولۇشقا، ھەمدە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  پۈتۈن كۈچ ئارقىلىق «يۇقۇملۇق كېسەل» بىلەن جەڭ قىلىش چوقۇم «ياخشى باھا» بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشكە، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىشكە، قەلبداش بولۇشقا موھتاج. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە بىرىنچى سەپتىكى خادىملارغا تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەت ئاتا قىلغاندىلا، «يۇقۇملۇق كېسەل»گە ئورتاق جەڭ قىلىدىغان مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقىپ، بۇ جەڭدە بالدۇرراق غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ