مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىبرەت ئېلىڭ: بۇ مىساللار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ قانداق يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ

2020.02.24 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى 23-فېۋرال مەزكۇر شەھەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مىساللىرىدىن ئېلىنغان 2-پارچە تەسىراتىنى ئېلان قىلدى. بۇ بىمارلارنىڭ يۇقۇملىنىش جەريانى نۇرغۇن تورداشلارنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

  سىرتقا چىققاندا مۇداپىئە بولمىسا بولمايدۇ

  چىن فامىلىلىك، ئايال، 42 ياش، شياڭياڭ شەھىرى شياڭچېڭ رايونىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدۇ. 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، مەلۇم تاللا بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋالغان، ماسكا تاقىمىغان ھەمدە باشقا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىمۇ قوللانمىغان. يېنىدا ئولتۇرغان يولۇچى دەل ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئوخشاشلا ھېچقانداق مۇداپىئە تەدبىرى قوللانماي، يۇقۇم مەنبەسىگە ئايلانغان. 1-ئاينىڭ 24- كۈنى چىن فامىلىلىك يۇتقۇنچاق ئاغرىش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش ھېس قىلغان. ئارقىدىن يەنە قۇرۇق يۆتەل، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. كېسەل قوزغىلىشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمىگەن چىن فامىلىلىك يەنە تېخى قېيىنئاتا- قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يېگەن بولۇپ، يەنە ئىككى تۇغقىنىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  تەسىرات: ۋىرۇس بىزنىڭ يېنىمىزغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، سىرتقا چىققاندا شەخسىي قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، بارلىق توپلىشىش، يىغىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى چوقۇم كەنت ۋە مەھەللىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، «زۆرۈر بولمىسا سىرتقا چىقماسلىق؛ ئىشىكتىن چىققاندا ھەر ۋاقىت چوقۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش»ى كېرەك.

  تىجارەت سورۇنىدا مۇداپىئە قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك

  خۇاڭ فامىلىلىك، ئەر، 38 ياش، شياڭياڭ شەھىرى دۇڭجىن يېڭى رايونى دۇڭجىن بازىرىدا تۇرىدۇ. خۇاڭ فامىلىلىك يەككە تىجارەتچى بولۇپ، چاغاننىڭ ھارپا كۈنىگىچە دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلغان، چاغان ئالدىدا سودىسى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى ياخشى قوغداشقا دىققەت قىلمىغان، خېرىدارلار ئىچىدە ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەنلەر بار ئىدى. خۇاڭ فامىلىلىك بىر ئائىلىدىكى ئالتە جان بىللە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ھارپا كېچىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىپ ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. خۇاڭ فامىلىلىكتىمۇ ئىككى كۈندىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئىككىسى دوختۇرخانىدا ئايرىۋېتىلگەن، باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ بەلگىلەنگەن جايدا مەركەزلىك ئايرىۋېتىلگەن. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەسلىدە جەم بولۇشى كېرەك ئىدى، بۇ چاغدا ۋاقتىنچە ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

  تەسىرات: جايلاردىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى، ھەرگىز پۇل تېپىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، مۇداپىئەنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

  يوشۇرۇن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم

  ساۋ فامىلىلىك، ئايال، 22 ياش، شياڭياڭ شەھىرى شياڭجوۋ رايونىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدۇ. 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋۇخەندە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، شياڭجۇ رايونىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋە 1- ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدا ئارقا-ئارقىدىن قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، شياڭياڭ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان.

  ساۋ فامىلىلىك دوختۇرخانىدا ئايرىپ كۆزىتىلدى ھەمدە 2-ئاينىڭ 2-كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس يادرو كىسلاتاسى مۇسبەت دەپ تەكشۈرۈپ چىقىلدى، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىدى.

  تەسىرات: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدا مەلۇم نىسبەتتە يوشۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار بولۇپ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن يەنىلا يۇقۇملاندۇرۇشچانلىقى بار. شۇڭا، كۈندىلىك مۇداپىئەدە قارشى تەرەپتە قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار-يوقلۇقىغا ئاساسلىنىپلا ئۇنىڭدا تارقىلىش خەتىرى بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى باشقىلار بىلەن يېقىن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بەزىدە ئۇچراشقاندا چوقۇم شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  ئۆزىگە ئۆزى ھۆكۈم قىلىش ئىشەنچلىك ئەمەس

  لى فامىلىلىك، ئايال، 47 ياش، شياڭياڭ شەھىرى فەنچېڭ رايونىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوندا تۇرىدۇ، يىل بويى ۋۇخەندە ئىشلەيدۇ. 1-ئاينىڭ 18-كۈنى شىركەت تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ۋۇخەندىن شىئەنگە بېرىپ ساياھەت قىلغان؛ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى شىئەندىن شياڭياڭغا قايتىپ كەلگەن. ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى ھېس قىلغان ھەمدە ۋۇخەندىن كەلگەن بولغاچقا، شياڭياڭدىكى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇچراشماي، شەھەر رايونىدىكى يەنە بىر تۇرالغۇدا ئۆزىنى ئۆزى ئايرىۋەتكەن. 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئانىسىنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭ، سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، لى فامىلىلىك ۋۇخەندىن ئايرىلغىنىمغا 14 كۈن بولاي دەپ قالدى، ھېچقانداق بىئاراملىق ئالامىتى يوق، چوقۇم يۇقۇملانمىدىم، دەپ ھۆكۈم قىلغان ھەمدە ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. 2-ئاينىڭ بېشىدا ئانىسى بىلەن لى فامىلىلىكتە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆۋەن قىزىتما پەيدا بولۇپ، بىرلىكتە دوختۇرخانىغا بارغان، ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە دىياگنوز قويۇلغان ھەمدە دوختۇرخانىدا داۋالانغان.

  تەسىرات: لى فامىلىلىك ئۆزىنىڭ ۋۇخەندىن ئايرىلىش ۋاقتىنى ئەڭ ئاخىرىدا ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى بار ۋاقىت، دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ روشەنكى توغرا ئەمەس، چۈنكى ساياھەت قىلىش، ماشىنىغا ئولتۇرۇش، ئۆيگە قايتىش جەريانىدا ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن. ئايرىپ كۆزىتىش مەزگىلى ئاز دېگەندە 14 كۈنگە يېتىشى كېرەك، تەلەي سىناشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سىرتقا چىقسا باشقىلارغا يۇقىدۇ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ