مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېخىمۇ ئەمەلىي تولۇقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش لازىم

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

2020.02.26 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا قانچە يۈزلەنگەنسېرى، يېزا ئىگىلىكىنى شۇنچە مۇقىملاشتۇرۇش، ئاشلىق ۋە مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە شۇنچە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېخىمۇ ئەمەلىي تولۇقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش؛ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر رايونلارغا ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىپ پەرقلەندۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، دېھقانچىلىق پەيتىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش ئاساسىي كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رايونى ۋە ئاساسلىق سېتىش رايونى تېگىشلىك ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ ھەمدە كېڭەيتىپ ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېغىر كېسەللىك، ھاشارات ئاپىتى ۋە ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ