مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىگە 10 ماددىلىق تەكلىپ بەردى

تاللا بازىرىدا مال سېتىۋېلىشتىكى 10 ماددىلىق تەكلىپ

2020.02.26 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شياۋفېڭنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دېيىشىچە، بېيجىڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەر سانىنىڭ ئۇدا نەچچە كۈن ئوندىن ئاز ئېشىشى ياكى ئاشماسلىقىغا ئەگىشىپ، تاللا بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋالىدىغان شەھەر ئاھالىسى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بۇنىڭغا قارىتا ليۇ شياۋفېڭ 10 تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، تاللا بازىرىغا كىرگەندە ماسكا تاقاش؛ ئىككىنچى، ئادەم كۆپ قىستا-قىستاڭ بولغان ۋاقىت ۋە ئورۇندىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرۇش، ۋاگونسىمان لېفىتقا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش؛ ئۈچىنچى، تاللا بازىرىغا كىرىشتىن بۇرۇن خىزمەتچى خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈشىگە ئاڭلىق ماسلىشىش؛ تۆتىنچى، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئاز دېگەندە بىر مېتىردىن كۆپ ئارىلىق ساقلاش؛ بەشىنچى، ئامال بار ئۈندىدار، ئەلىپاي قاتارلىق كۆچمە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛ ئالتىنچى، تولۇق سېتىۋېلىپ، سېتىۋېلىش قېتىم سانىنى ئازايتىش؛ يەتتىنچى، ئىمكانقەدەر ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئاز ئولتۇرۇش، پىيادە مېڭىش، ۋېلسىپىت مىنىش ياكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش؛ سەككىزىنچى، ھاۋا ئۆتۈشۈشى ياخشى، ئادەم ئېقىم مىقدارى ئاز تاللا بازارلىرىنى تاللاش؛ توققۇزىنچى، مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن تىزىملىك تۈزۈۋېلىش، تاللا بازىرىدا بىكار ئايلىنىپ قۇرۇق پاراڭ سالماسلىق، تاۋار تاللاش ۋاقتىنى قىسقارتىش؛ ئونىنچى، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال ئېقىن سۇ ۋە سوپۇن بىلەن قول يۇيۇش، سىرتقى ئورالمىسى بار نەرسىلەرنىڭ ئورالمىسىنى بىۋاسىتە ئېلىۋېتىش ياكى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلىش، سېتىۋالغان يېمەكلىكلەرنى ئۈزۈل- كېسىل پىشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئىستېمال قىلىش لازىم. مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا مەخسۇس يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇش كېرەك.

  تاللا بازارلىرىغا قارىتا، بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى توققۇز تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئۆي ئىچىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچى، خىزمەتچى خادىملارغا قارىتا ھەر كۈنى ئۆز سالامەتلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم، كېسەل بولسىمۇ ئىش ئورنىغا چىقىشقا بولمايدۇ؛ ئۈچىنچى، تاللا بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش؛ تۆتىنچى، ئۈنۈملۈك بولغان تارقاق بۆلۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئادەم زىچ بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش؛ بەشىنچى، كىشىلەرنىڭ ئۇچرىشىشى كۆپرەك رايونلارنى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش؛ ئالتىنچى، زۆرۈر بولمىغان ئۆي ئىچى-سىرتىدىكى ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ يەتتىنچى، پۇل يىغىش پوكىيى، مۇلازىمەت پوكىيى رايونلىرىدا مۇۋاپىق بولغان خادىملار لىنىيەسى ۋە ئېقىم بۆلۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش؛ سەككىزىنچى، تاللا بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا خېرىدارلارنى ماسكا تاقاشقا ئەسكەرتىش ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى چاپلاش، ھەر خىل ئېكراندىن پايدىلىنىپ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋە قىش، ئەتىيازلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش؛ توققۇزىنچى، تاشلاندۇق ماسكا مەخسۇس ئەخلەت تۇڭىنى كۆپەيتىش ھەمدە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ