خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-چېسلا كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى ئابى بىلەن تېلېفونلاشتى .
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، زۇڭلى ئەپەندى ئىككى قېتىم خەت يېزىپ ھال سورىدى ھەمدە مەن بىلەن تېلېفونلاشتى، بۇ جۇڭگو بىلەن ئېفىئوپىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە بىر-بىرىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئېفىئوپىيە تەرەپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەت، جۇڭگو بىلەن نورمال ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلدى، بىز بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ