مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمغا زەربە بېرىش مەزگىلىدە ئۆيدە تۇرۇۋاتامسىز؟

بۇ خىل ئۇسۇللار ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

2020.02.26 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، نۇرغۇن رايونلاردا يېپىق ئولتۇراق رايون، ئۆيدە ئايرىش قاتارلىق باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى، ئاق ياقىلىقلار ئۆيىدە ئىش بېجىردى، ئوقۇغۇچىلار توردا ئۆگىنىش قىلدى. ئۆيدە تۇرغان بۇ مەزگىلدە ئىلمىي، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىش، ئۈمىدۋار روھىي ھالەت ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلالايمىز.

  قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىڭ، بەزىدە تۇيۇقسىز قاتتىق مەشىق قىلسىڭىز ئىممۇنىتېت كۈچىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ

  يېقىندىن بۇيانقى ھەرىكەت ئىممۇنولوگىيەسى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈچلۈكلۈكى ئوخشاش بولمىغان، داۋاملىشىش ۋاقتى ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەتنىڭ ئورگانىزمغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى پەرقلىق بولىدىكەن. قانۇنىيەتلىك، مۇۋاپىق مىقداردا ئوتتۇراھال كۈچلۈكلۈكتىكى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن، ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ئاز ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا نەپەس يولى يۇقۇملىنىش خەۋپى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن؛ ئەمما، سىستېمىلىق بولمىغان، بەزىدە بىر قېتىم ئۇزاق ۋاقىتلىق، كۈچلۈك سىجىللىقتا ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرىلايدىكەن.

  گەرچە يۇقۇم يۈز بەرگەنلىكتىن، سىرتتا ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىدە چېنىقالماي، ھەتتا كوللېكتىپ تەنھەرىكەتكە قاتنىشالمىغان بولساقمۇ، لېكىن بىز يەنىلا ئۆيدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك چېنىقىش ئېلىپ بارالايمىز. يۇقۇم مەزگىلىدە ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى سىجىللىقتىكى مەشىقتىن ساقلىنىش، قانۇنىيەتلىك ھالدا ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى ھەرىكەت مىقدارىنى ساقلاش، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە چېنىقىش، ھەر قېتىمدا بىر سائەت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىش لازىم، ھەرىكەت سىجىللىقى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتتىكى يۈرەك رىتىمىنىڭ %60ىدىن %80ىگىچە بولسا بولىدۇ.

  بىز پۈتكۈل ھەرىكەتنى بەدەن قىزىتىش، ئوكسىگېنلىق، ئوكسىگېنسىز، سۆرەپ بەدەن بوشىتىشتىن ئىبارەت تۆت ھالقىغا بۆلسەك بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئەھۋالغا قاراپ ھەرىكەت سىجىللىقى ۋە ئوكسىگېنلىق، ئوكسىگېنسىز نىسبەتنى تەڭشىسە بولىدۇ، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تۇيۇقسىز مىقدارنى ئاشۇرۇشتىن ساقلىنىش، ھەر ھەپتىلىك ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش %5تىن %10كىچە بولغان دائىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك لازىم.

  ئۆز ئۆيى ياكى ئولتۇراق رايوندىكى ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، ئازادە سورۇنلارنى تەنھەرىكەت مەيدانى قىلىشقا بولىدۇ، ئەگەر ماسكا تاقاپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئوكسىگېنسىز چېنىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇڭ، ئورۇقلاشمۇ ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى ئازايتىۋېتىدۇ

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى «قۇتراۋاتقان»، ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆزىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك تازىلىق مۇداپىئەسىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تاماقنى ھەددىدىن زىيادە ئاز يېمەسلىك ھەم چوڭ يەپ، چوڭ ئىچمەسلىك كېرەك. ئىلمىي ھەرىكەت بىلەن مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلىنىش قۇرۇلمىسىنى ماسلاشتۇرغاندىلا، بەدەننى سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

  ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك، ھەر كۈنى يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدىكى %50 ئېنېرگىيە كاربون-سۇ بىرىكمىسىدىن كېلىدۇ، ياغ تۈرىدىكىلەرنى يېمەسلىككە بولمايدۇ، يېتەرلىك ئاقسىل سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئومۇمىي نىسبەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالى ماددىي ئەشيا كەمچىل بولۇش، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، زۆرۈر بولغاندا، يېمەك-ئىچمەكتە قاندۇرغىلى بولمايدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا قاتنىشىدىغان ۋىتامىن C ھەمدە سۆڭەك مېتابولىزمى جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ۋىتامىن D ۋە كالتسىي دورىلىرىنى تولۇقلاشقا بولىدۇ.

  ئۆزىڭىزنى تەڭشەڭ، پىسخىكىلىق ھالەت ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

  نۇرغۇن تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پىسخىكىلىق ھالەت ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. جىددىيلىشىش، چۈشكۈن كەيپىيات ۋە تاشقى مۇھىتقا بولغان بىئاراملىق نېرۋا- ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، يۇقۇم ئەھۋالىغا نىسبەتەن زىيادە تەشۋىشلىنىش، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇشمۇ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  شۇڭا كۆپچىلىك يۇقۇم ئەھۋالىغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتنى ساقلىشى كېرەك. تۇرمۇشتىكى پاسسىپ ئىشلاردىن ساقلىنىش، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم. ئۈمىدۋار، مۇلايىم روھىي ھالەت ئورگانىزمنىڭ ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  ھەر كۈنى يەتتە سائەتتىن ئارتۇق يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى «ئېكران ۋاقتى»نى ئازايتىپ، تۈنەش ۋە مەشغۇلات ۋاقتى تەرتىپسىز بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۈندۈزلۈك ئۇيقۇ تولۇقلاش ۋە چۈشلۈك دەم ئېلىشنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردىمى بار.

  ئاپتورلار: غەربىي جەنۇب دوختۇرخانىسى بوغۇم تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ مەسئۇل ۋراچلىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ