مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېببىي خادىملارغا چىن قەلبتىن كۆڭۈل بۆلۈش لازىم

2020.02.20 15:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان تېبىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش توغرىسىدا مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بەردى. كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارغا نىسبەتەن، باش شۇجىنىڭ بۇ يوليۇرۇق سۆزى نېمىدېگەن سەمىمىي ۋە ئىللىق-ھە !

  ئۇدا جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ۋۇخەننى ۋە خۇبېينى قوغداش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك ئومۇمىي ھۇجۇم باسقۇچىغا كىردى، خۇبېيغا ياردەمگە كەلگەن 30 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي ياردەم خادىملىرى شۇ جايدىكى كەسىپداشلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، كېسەل بىلەن جەڭ قىلىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىرادە ۋە جەڭگىۋارلىقلىرىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بېسىم ۋە خىرىسقا بەرداشلىق بەردى.

  بۇ كۈنلەردە، بىز ئىزچىل تۈردە بۇ ئاق خالاتلىق جەڭچىلەردىن تەسىرلەندۇق، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە ماسكىلارنىڭ يۈزلىرىگە پېتىپ كەتكەنلىكىدىن پەيدا بولغان ئېرىقچە ئىزلار ئەكس ئېتىپ تۇرغانلار، قوغدىنىش كىيىملىرىنى سېلىۋەتكەندە پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنلەر، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، زاكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىققانلار... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قانداقمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتمىسۇن !

  كەڭ تېببىي خادىملار يۇقۇمنى يېڭىشتىكى تايانچ كۈچتۇر، ھەم ئۇرۇش سېپىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكتۇر، ئۇلار يېتىپ قالسا بولمايدۇ ! ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى، ئىشەنچىسى، ئىرادىسى يۇقۇمنى يېڭىشتە ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ۋاقىتتا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت چوقۇم ئۇلارنى ھەقىقىي تۈردە قوغداپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى چوقۇم داۋاملىق تۈردە ۋە ساغلام ھالدا ھەمدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە بىز ھەممىمىز، ئۇلارنىڭ غەلىبە بىلەن قايتىپ كېلىشىنى ساقلاۋاتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ