مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدىمۇ شەكىلۋازلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك

2020.02.05 16:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، ئەمەلىي ئىشلەش لازىم. ھەرقانداق شەكىلدىكى شەكىلۋازلىق كىشىنىڭ دىتىغا ياقمايلا قالماستىن، بۇ خىل قىلمىش ھەتتا ئادەمنىڭ جېنىنىمۇ ئالىدۇ.

  كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن سىرتقا چىقماسلىق ۋە كەلگەنلا يەردە پېتىراپ يۈرمەسلىك ئېنىق ئېيتىلغان بولسىمۇ، توپلىشىپ يىغىن ئاچىدىغان ئىش ئادەتتىكىدىنمۇ كۆپ بولىۋاتىدۇ، نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئادەتتىكىدىنمۇ كۆپ بولماقتا؛ تورلاشتۇرۇپ ئىزدەش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزدەش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىمىز دېگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىش، جەدۋەل تولدۇرۇش، ئۇچۇر يوللاشتەك «ئۈچ خىل كونا ئۇسۇل» يەنىلا قوللىنىلماقتا، پۇقرالار بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرۈپ بىئارام بولۇشماقتا.

  نۆۋەتتىكى خىزمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ قوماندانلىق قىلىشقا ۋە زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇش-بولماسلىق، نۆۋەتتىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان قاتتىق سىناقتۇر. لېكىن، نۆۋەتتىكى خىزمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ قوماندانلىق قىلىشتا چوقۇم «نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىش»كېرەكمۇ؟ زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش دېگىنىمىز «ئۇچۇر قىسقا خەۋەرلىرى»نى ياخشى ئىشلەش بىلەن تەڭمۇ؟ بۇنىڭغا چوڭ بىر سوئال بەلگىسى قويۇش لازىم. ئەگەر بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بېرىلمەي، مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، شەكىلۋازلىقنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغان غەلىتە ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ جىددى بىر مەزگىلدە، بەزى جايلار«ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش» ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ ئىشلىمەكتە، رەھبەرلەرنىڭ «ئۆزى بىۋاسىتە قول تىقىپ ئىشلىشى»نى تەشەببۇس قىلماستىن، ھەمدە ھەر بىر كىشىگە ئۇلار بىلەن «يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ يوليۇرۇق بېرىش»نى تەلەپ قىلماستىن، بەلكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كۆزدە تۇتۇپ، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقىقىي كۆزدە تۇتماقتا. بەزى خىزمەتلەرنى ۋىدېيولۇق يىغىن ۋە تېلېفون يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بولسا، تەكشۈرۈش ۋە مۇداپىئە كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتكە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر؛ ئۈندىدار ياكى تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىش، كاناي ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ خىزمەتلەرنى ئوخشاشلا ياخشى ئىشلەپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

  ئاز ساندىكى كىشىلەر يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ يۈرمەكتە، بۇ قارىماققا «خەلقنى سۆيگەن»تەك تۇرغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ «باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىش»تۇر، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە يەرلىك ئامما بۇنداق كىشىلەرنىڭ بۇ خىل قىلىقلىرىغا چىداپ تۇرالمايدۇ ۋە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

  يۇقۇمغا قارشى تۇرۇمىز، دەپ تۇرۇپ، ئەكسىچە خەتەرلىك ئەھۋالنى پەيدا قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كۆپ قېتىملاپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قىلىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش مۇقەررەر ھالدا ئادەملەرنىڭ زىچلىشىپ ئادەم يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئايىقى ئۈزۈلمەس ئۇچرىشىشلار ۋە قۇيرۇقى ئۈزۈلمەس يىغىنلاردا جەزمەن ئادەم توپلىشىدۇ. بۇنداق قىلىش نەتىجىسىدە يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرغاندىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى ناچار بولغىنى شۇكى، بەزى تەكشۈرۈشلەر ئەمەلىيەتتە ئۇ شەكىلۋازلارنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ قويۇشى، سۈرەتكە تارتىپ قويۇشى، ماقالە يوللاپ قويۇشىدىنلا ئىبارەت؛ بەزى يىغىنلار بولسا، مەن ئاچتىم، مەن قىلىدىغىنىمنى قىلدىم، مەن يەتكۈزدۈم دېگەنلەرنى ئىپادىلەشتىنلا ئىبارەت؛ بەزى جەدۋەللەرنى بولسا، تولدۇردۇم، ئومۇملاشتۇردۇم خۇلاسىلىدىم، يۇقىرىغا يوللىدىم دېگەنلەرنى ئىپادىلەشتىنلا ئىبارەت، خالاس. يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جېڭىدە بۇنداق شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتلىقنى چوقۇم توسۇش كېرەك. شەكىلۋازلىق ساقايماس كېسەل، بۇنىڭ يۇقۇمچانلىقى بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىن قىلچە قېلىشمايدۇ. بۇنداق «يۇقۇملۇق كېسەل»نى توسۇش ئۈچۈن، «يۇقۇملۇق كېسەل» بىلەن جەڭ قىلىش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى ئىشقا سېلىش كېرەك. بىز مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى تىپىك دېلو مىساللىرىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشىمىز كېرەك. پۇقرالارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇ خىل قىلمىشلارنىڭ بۇنداق بىخ ھالىتىگە جەزمەن چۆچۈتۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئاندىن تېخىمۇ ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغانغا ئوخشاشلا، شەكىلۋازلىقنىمۇ قەتئىي توسۇش كېرەك. بۇ ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە ئارزۇسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ