مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 12- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئېغىر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ۋە دۆلەتنىڭ جامائەت ساغلاملىقىغا ئائىت جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.02.17 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 2- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 12- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر. ھەم نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئىلمىي ئۇسۇلدا ۋە دەل جايىدا غەلىبە قىلىش، ھەمدە تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىنى ئالدىن كۆزلەپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەزگىلىدە ئاشكارىلانغان كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، يوچۇقنى توسۇپ، ئاجىز تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەرپا قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ جامائەت ساغلاملىقىغا ئائىت جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جېڭى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭ سىناقتۇر. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم جەھەتتە ئېغىر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يېڭىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ جامائەت ساغلاملىقىغا ئائىت جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توساتتىن يۈز بېرىدىغان ئېغىر دەرىجىلىك جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ