مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس توغرىسىدا تۆت سوئال تۆت جاۋاب

2020.02.03 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان «ئانتىبىئوتىكلار يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتە ئۈنۈملۈكمۇ؟» دېگەندەك تۆت مەسىلىگە جاۋاب بەردى. مۇخبىرى تۆۋەندىكىچە رەتلەپ چىقتى:


  سوئال: ئانتىبىئوتىكلار يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئۈنۈملۈكمۇ؟


  جاۋاب: ئانتىبىئوتىكلار پەقەت باكتېرىيەگىلا ئۈنۈملۈك بولۇپ، ۋىرۇسقا ئۈنۈمى يوق. يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس دېگىنىمىز بىر خىل ۋىرۇستۇر، شۇڭا، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياكى ئۇنى داۋالاشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشقا بولالمايدۇ. ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا ياتسا، بىمار ئانتىبىئوتىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى، بىرلا ۋاقىتتا باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشىمۇ مۇمكىن.


  سوئال: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە داۋالايدىغان مەخسۇس دورا بارمۇ؟


  جاۋاب: تېخى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس دورا ھازىرچە يوق. بەزى ئالاھىدە داۋالاش ئۇسۇللىرى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ ھەمدە كىلىنىكىلىق سىناق ئارقىلىق سىناق قىلىنىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نۆۋەتتە ھەمكارلىق ھەمراھلىق سۈپىتى بىلەن ئۇنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىش خىزمىتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىۋاتىدۇ.


  سوئال: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس پەقەت يېشى چوڭراق ئادەملەرگىلا يۇقامدۇ؟ ياكى ياشلارمۇ ئاسان يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟


  جاۋاب: بارلىق ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، يېشى چوڭراق بولغان، زىققا كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭراق قىلىپ تۇرىدۇ.


  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بارلىق ياشتىكىلەرگە تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىنى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بەردى، مەسىلەن، پات-پات قول يۇيۇپ تۇرۇش ۋە نەپەس يولى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش دېگەندەك ياخشى ئادەتلەرنى ساقلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.


  سوئال: ئەرمەك ھايۋانلار يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس تارقىتالامدۇ؟


  جاۋاب: نۆۋەتتە، ئىت ۋە مۈشۈك دېگەندەك ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق. ئەمما، ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، سوپۇن ۋە سۇ بىلەن قولىنى يۇيۇپ بېرىش ھامان پايدىلىق بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، باشقا كۆپ ئۇچرايدىغان باكتېرىيەلەر، مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە سالمونېللا باكتېرىيىسى قاتارلىق باكتېرىيىلەرنىڭ ئەرمەك ھايۋانلار ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا تارقىلىشىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتقىلى بولىدۇ.




  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز




  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ