مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەتقىق قىلىندى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.02.13 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 12-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، بىز باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، مەركەز يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش مېخانىزمى سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ماددىي ئەشيا سەپلەش سالمىقىنى ئاشۇردى؛ جايلار، تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلدى، كەڭ تېببىي خادىملار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خالىس تۆھپە قوشتى؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتىدە پائال ئۆزگىرىش بولدى، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. بۇ ئاسان قولغا كەلمىگەن بولۇپ، ھەممە تەرەپ تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئەڭ جاپالىق ھالقىلىق باسقۇچقا يېتىپ كەلدى، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئەھۋالى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ياكى خەتىرى چوڭراق رايونلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونلارغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي، ئىنچىكە، جايىدا تۇتۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ