مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەپ تارتىپ تەييار تۇرۇپ، يېزىلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورىنى پۇختىلايلى

2020.02.07 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە كادىرلارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىكى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكى ئىنتايىن مۇھىم.

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت، يېزىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بولۇپمۇ شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك سىرتتا ئوقۇيدىغان ياكى ئىشلەيدىغان ئادەم بار بولدى. يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە چوقۇم تەييار تۇرۇش، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق كېرەك.

  ئەقلىيفوننىڭ ئومۇملىشىشى يېزىلارنىڭ ئۇچۇر تارقىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. ئاپتور تۇرۇشلۇق خېبېي ئۆلكىسى لۇەنپىڭ ناھىيەسى پىڭفاڭ مانجۇ يېزىسى يۈيىڭ كەنتىدە، 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ كەنت ئىككى كومىتېتى 300 نەچچە كىشىلىك كەنت ئىشلىرى ئۈندىدار توپى ئارقىلىق، ھەر كۈنى ئۆز ۋاقتىدا نوپۇزلۇق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنت ئىچىدىكى چوڭ كاناي، كۆچمە ياڭراتقۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ناھىيە، يېزىنىڭ ئالاقىدار ئېلانلىرىنى قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى شەخسىي قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەسكەرتتى. «ئۇچۇر ۋەزىيەتكە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭدى، مۇتەخەسسىسلەر نېمە دېسە مەندە بار» بولۇش ‐‐ بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، ئىلمىي مۇداپىئە ۋاسىتىسىنى ئىگىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە، كادىرلارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭى كۈچلۈك بولۇش- بولماسلىقى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقى ئىنتايىن مۇھىم. يېزىلاردا يەنە ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز، ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك نۇرغۇن كىشى بار، تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق بىرگە بىر ئەسكەرتىش ئۇسۇلىنى ئويلىشىش ناھايىتى زۆرۈر. شارائىتى بار جايلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ماسكا سەپلەش، ئۆيىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. بۇ تەدبىرلەر كەنت ئاھالىلىرىگە ئىللىقلىق ۋە سەمىمىيلىك ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ جەرياندا كەنت ئاھالىلىرى نېمە ئۈچۈن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، شەخسىي قوغدىنىش خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يېڭى تونۇشقا ئىگە بولىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بىلىم سەۋىيەسى، ساغلاملىق تەربىيەسى چەكلىمىسى سەۋەبلىك، كەنتتە تەكىتلەنگەن مۇداپىئە ساۋاتلىرىنى كەنتتىكى ھەممە ئاھالىنىڭ دەرھال قوبۇل قىلالىشى ناتايىن. بەزىلەر چۈشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، چاغاندا ئۆيمۇئۆي يوقلاش دېگەن ئەنئەنىنى «ھېچقانچە ئىش ئەمەس» دەپ قارىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، توردىكى مۇرەككەپ ئۇچۇرلارنى دىققەت قىلماي مۇنداقلا تاقىتىپ قويۇش __ بەلكىم «ياخشى نىيەت بىلەن يامان ئىش قىلىش» بولۇشى، خاتا گەپ تارقىتىش ئارقىلىق يامان تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە يەنە نۇرغۇن بوشلۇق بار. رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئويلىشىپ، ئەمەلىي قىلغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەسى يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئاممىۋى ئاساس ۋە تۈزەش ئىقتىدارىغا بولغان بىر قېتىملىق مۇھىم سىناق. كەنت كادىرلىرى نۆۋەتلىشىپ دىجورنىلىق قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئېلىش، پىدائىيلار پوستتا تۇرۇپ تەكشۈرۈش، كەنتتىكى قابىل كىشىلەر پائال تەشەببۇس قىلىش، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزئارا نازارەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقلىق، خادىملارنىڭ يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك ئازايتىلىپ، ۋىرۇسنى فىزىكىلىق ئايرىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇردى. چاغان مەزگىلىدە، كەنت ئاھالىلىرى ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر بىكار بولدى، بەزى جايلاردا كەنت ئىككى كومىتېتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئۈندىدار توپىدا ھەجۋىي شېئىر يېزىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مۇداپىئە ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلىپ باردى، بۇ ئارقىلىق تېببىي ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىسخىكىلىق ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، كەنتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولدى.

  (ئاپتور: خەلق گېزىتى ئوبزور بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى، ھازىر خېبېي ئۆلكىسى لۇەنپىڭ ناھىيەسى پىڭفاڭ مانجۇ يېزىسى يۈيىڭ كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ