شى جىنپىڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشتى

2020.02.06 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- چېسلا خەلق سارىيىدا كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ ئۇنىڭغا زەربە بېرىش كۈرىشى بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ئېغىر كۈنلەردە ھەقىقىي كۆڭۈلنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ئالاھىدە پەيتتە، كامبودژا خەلقى بىز بىلەن بىللە تۇردى. پادىشاھ سىخامونى بىلەن خان ئانىسى مونايىز بىزدىن ھال سورىدى ۋە بىزنى قوللىدى، باش ۋەزىر ئەپەندى كۆپ قېتىم جۇڭگونى قوللىدى، بۈگۈن يەنە ئالايىتەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، بۇزۇلماس جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇقى ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى، ھەمدە جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى نامايەن قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ۋە ئەڭ قاتتىق تەدبىرلىرىنى قوللاندى. نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە. جۇڭخۇا مىللىتى جاپا-مۇشەققەتلەرنى كېچىپ كەلگەن، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچىسى بار. بىز داۋاملىق تۈردە ئاشكارا پوزىتسىيە بىلەن كامبودژانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا ئورتاق ھالدا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارى ۋە رايونلارنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز. بىز كامبودژانىڭ جۇڭگودىكى پۇقرالىرىغا، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز دۆلەت پۇقرالىرىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ