مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.02.04 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 3-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، كېيىنكى قەدەمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، داۋالاش، سەھىيە خىزمەتچىلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خادىملارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ باردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇردى. گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى بويىچە ماسلاشتۇرۇش-ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن جىددىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى، ئارمىيە يەرلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە پائال ياردەم بەردى. جايلار پارتىيە، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قوماندانلىق قىلىدىغان رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلدى، تېببىي خادىملار خالىس تۆھپە قوشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى، كەڭ خەلق ئاممىسى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى باشلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئومۇمىي جېڭىنى باشلىدى، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ