شى جىنپىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا يۈننەنگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلاردىن ھال سورىدى

پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلىدى

2020.01.22 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈننەنگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ھەم شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  يۈننەننىڭ ھاۋاسى ئوچۇق بولۇپ، رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى. 1- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن خاۋ، ئۆلكە باشلىقى رۈەن چېڭفانىڭ ھەمراھلىقىدا تېڭچۇڭ ۋە كۈنمىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزىلار، قەدىمىي بازارلار، ئېكولوگىيەلىك نەم يەرلەر، چاغانلىق مال بازارلىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  باۋشەن شەھىرىگە قاراشلىق تېڭچۇڭ شەھىرىنىڭ سەنجيا كەنتى ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات كەنت ئىدى، 2017-يىلى پۈتۈن كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 19- چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سەنجيا كەنتىگە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شۇ جايدىكى كادىرلار باش شۇجىغا: بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنجيا كەنتى يېزا-كەنت ساياھىتى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىقلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ جاي مۇھىتىنى ياخشىلاپ، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتىنى 2014-يىلىدىكى %21تىن ھازىرقى %0.45كە چۈشۈردۇق، دېدى. شى جىنپىڭ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ سەنجيا كەنتىدىكى سومولا ۋازۇ كەنتىگە بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەنت-مەھەللىلىرىنى قۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. "سىمولا" دېگەن گەپ ۋازۇ تىلىدا "بەختلىك جاي" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ كەنت 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ جۇڭگودا ئەنئەنىۋىلىككە ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر كەنت، ئۇ جايدا ۋازۇ، خەنزۇ، بەيزۇ، دەيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئىناق بىللە ياشايدۇ.

  ئىللىق قۇياش نۇرى مەيدانغا چۈشۈپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىلىرى ۋازۇ ئۇسسۇلىنى ئوينىدى. شۇ جاينىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە، شى جىنپىڭ ۋازۇلارنىڭ ياغاچ دۇمبىقىنى ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ، يېڭى يىلنىڭ ئوڭۇشلۇق، دۆلەتنىڭ تىنچ-ئامان بولۇشىنى تىلىدى. كەنت ئاھالىلىرى قىزغىن چاۋاك چېلىشىپ، بەس-بەستە باش شۇجىدىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى. يۇرتداشلار «ئاۋا خەلقىنىڭ يېڭى ناخشىسى»نى ئېيتىپ، باش شۇجىنى ئورىۋېلىپ كەنت ئېغىزىدىن چىقتى، لەرزان ناخشا ساداسى پۈتۈن كەنتتە ياڭرىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ