شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا يۈننەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى، يوقلىدى

بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى-زاپاس ھەربىيلەرگە چاغانلىق تىلەك تىلىدى

2020.01.21 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە يۈننەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى-زاپاس ھەربىيلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى.

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ھەممە ساھە يېڭى تۈس ئالىدۇ. يۈننەن زېمىنىدا تاغلار ياپيېشىل، سۇلار سۈپسۈزۈك بولۇپ، ھەممە جاي ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. 1-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6لەردە، شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگراسىدا مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان مەلۇم چېگرا مۇداپىئە يىڭىگە بېرىپ، جەڭچىلەرنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. يىڭ شىپاخانىسىدا، شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ داۋالاش شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقانلىقى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرەلەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇش بولدى.

  كەچلىك تاماق ۋاقتىغا ئاز قالغاندا، ئاشپەزلەر بەنىدىكى جەڭچىلەر ئاشخانىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، قىسىمنىڭ تاماق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، تاماق تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇش بولدى. ئۇ قىسىمغا بايرام مەزگىلىدىكى تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەڭچىلەرنى چاغاننى خۇشال، خاتىرجەم، بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى.

  شى جىنپىڭ چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مەخسۇس سىن ئارقىلىق ئالاقىدار قىسىمدىن ھال سورىدى. مەلۇم مىنا تازىلاش-پارتلاتقۇچ بىر تەرەپ قىلىش چوڭ ئەترىتى ۋەزىپە شۆبە ئەترىتىدىكى «مىنا تازىلاشتىكى قەھرىمان جەڭچى» دۇ فۇگو تۇرۇشلۇق قىسىم چېگرادا مىنا تازىلاش ۋەزىپىسىنى كۆپ قېتىم قالتىس تاماملىغان ئىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ مىنا خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىپ، چېگرا رايوندىكى خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، مىنا تازىلاش-پارتلاتقۇچ بىر تەرەپ قىلىشقا كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. مەلۇم چېگرا مۇداپىئە شۆبە ئەترىتى چېگرا قوزۇقى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدا رەتلىك سەپكە تىزىلىپ، شى جۇشىغا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ روھلۇق، جەڭگىۋار ھالىتىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار، سىلەر چېگرانى باشقۇرۇش، چېگرانى كونترول قىلىش بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىسىلەر، بۇرچۇڭلار شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىڭلار مۇھىم، زور، يۈكسەك ئېھتىيات ھالىتىنى ساقلاپ، چېگرا مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە پۇختا تەشكىللەپ، چېگرا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدىشىڭلار كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ