مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: 1- فېۋرالدىن باشلاپ پاسپورتنى «دۇنيا بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2020.01.19 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سۈي ئەنمىن 17- يانۋار يىللىق كونسۇل خىزمىتى تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى كونسۇلخانىلار 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، پاسپورتنى «دۇنيا بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش» ۋە چەتئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتىنى يۈتتۈرۈپ قويۇش، ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويۇش ياكى پاسپورت بۇزۇلۇپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن كېيىن پاسپورت تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتىكى چەك قويۇش شەرتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت خەلققە قولايلىق بۇ ئىككى چوڭ تەدبىرنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  سۈي ئەنمىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، چەتئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى جۇڭگونىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ پاسپورت ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. پاسپورت ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار پەقەت ئەسلىدىكى پاسپورت، دۆلەت تەۋەلىكى ئەھۋالى باياناتى، سۈرەت ۋە ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى قاتارلىقلارنى ھازىرلىسىلا كۇپايە. ئەمما، پاسپورت تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار يۇقىرىقى ماتېرياللارنى ھازىرلىغاندىن سىرت يەنە پاسپورتنى يۈتتۈرۈپ قويۇش ياكى پاسپورت بۇزۇلۇپ كېتىش ئەھۋالى ھەققىدە يازمىچە چۈشەندۈرۈشنىمۇ بېرىشى كېرەك.

  ئىلگىرىكى قائىدىدە، چەتئەلدە تۇرغىلى180 كۈندىن ئاشمىغان جۇڭگو پۇقرالىرىدا ئەگەر پاسپورتىنى يۈتتۈرۈپ قويۇش، ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويۇش ياكى پاسپورتى بۇزۇلۇپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرسە، ئېلىمىزنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرى ئادەتتە ئۇنداقلارغا ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پاسپورت ئەمەس، ساياھەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرەتتى. ئەمما، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ 180 كۈنلۈك چەكلەش شەرتى قويۇلمايدۇ، پەقەت ۋاقىت يار بەرسىلا، ئېلىمىزنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىغا بېرىپ پاسپورتنى تولۇقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە چەتئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلار يېڭى پەن-تېخنىكا ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنى «ئالاقە تورى +»تىن ئىبارەت خەلققە قولايلىق كۆپ خىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى.

  سۇي ئەنمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «"نەگىلا بارسىڭىز، ۋەتەن سىزگە يار-يۆلەكتۇر!" بۇ پەقەت بىر جۈملە تەشۋىقات شوئارى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ جۇڭگو دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىدۇر.» 2019- يىلى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە چەتئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلار كونسۇل ئىشلىرىغا ئائىت دېلولاردىن جەمئىي 79 مىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلدى، 12308 قىزىق لىنىيەسىدە قوبۇل قىلىنغان تېلېفون مىقدارى 350 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، چەتئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلار بېجىرگەن تۈرلۈك كونسۇلخانا كىنىشكا سانى 10 مىليونغا يېقىنلاشتى.

  سۇي ئەنمىن يەنە مۇنداق دېدى: «2019 ـ يىلى پۈتۈن يىل بويىچە يۈز بەرگەن كونسۇل ئىشلىرىغا ئائىت دېلولارنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تۆۋەنلىدى، بۇلار شۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇكى، خەلقنىڭ ساپاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك كونسۇل خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەتئەلدە خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىمۇ سىجىل ئۆسۈپ بېرىۋاتىدۇ.»

  2019- يىلى جۇڭگو پاسپورتىدىكى «ئالتۇن مىقدارى»مۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. سۈي ئەنمىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى 19- يانۋاردىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئەرمىنىيە پۈتۈن دۇنيادا جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھالدا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان 15- دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. نۆۋەتتە پۇقرالىرىمىز ئادەتتىكى پاسپورتى بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ياكى مەنزىل جايغا بېرىپ ئاندىن ئىمزا قويدۇرۇپ ۋىزا ئېلىش شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادا ئەرمېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 71 دۆلەت ۋە رايونغا بارالايدۇ.

  سۈي ئەنمىن مۇنداق دېدى: «بىزگە مەلۇمكى، جۇڭگو پاسپورتىدىكى «ئالتۇن مىقدارى» بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدى ئوتتۇرىسىدا ھازىرچە خېلى زور پەرق بار. ئەمما، بىز داۋاملىق تۈردە تىرىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ "ماڭىمەن دەپلا يولغا چىقىش" ئارزۇسىنى قەدەممۇ قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ