مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھوشيار بولۇڭ! «كۋانت + تۇرمۇش» مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالدامچىلىق

2020.01.13 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بالىلار بىر تۇتاش كىيىنىپ، قولىدىكى كىتابنى تېز سۈرئەتتە ۋاراقلىماقتا. «بەش مىنۇت ئىچىدە 100 مىڭ خەت ئوقۇپ بولالايدۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەزمۇننى تولۇق بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ»، بۇنداق ئالاھىدە ئىقتىدار تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ ئېلانىغا بېسىلىپ، بىر خىل «پۈتۈن مېڭىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىش»تەك تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا ئايلاندى. يېقىندا، بۇ «كۋانت دولقۇنلۇق تېز ئوقۇش» مۇسابىقىسىنىڭ ۋىدىيولىرى ئارقا- ئارقىدىن كۆپ ئىزدەلگەن مەزمۇنلار تىزىملىكىگە چىقتى.

  بۇ پەقەتلا «كۋانت» ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ «پۇل ئۈندۈرۈش»نىڭ بىر مىسالىدۇر.

  بۇ خىل ئالدامچىلىققا قارىتا، داڭلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سۇپىسى «موزى سالونى»نىڭ بىر پارچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: دولقۇن ئۇقۇمىنىڭ قانداق كېڭەيتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، كىتابتىكى باسما مېيى رادىياتسىيە ۋە تارقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، كىتابقا يۈكلەنگەن ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىملەرمۇ ئۆزلۈكىدىن مېڭىڭىزدە نامايان بولمايدۇ. ئوقۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلۈك يېزىقنى كاللىڭىزدىكى بىلىمگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، پەقەتلا كۆپرەك كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت بىرلا يول بار.

  لېكىن، ئاسان يولنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى غايەت زور. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ كۋانت تېخنىكىسىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ساختىلىق قىلىش ئالدامچىلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلانماقتا.

  «كۋانتلىق تاۋار» ھەممىگە قادىر؟

  تۆۋەن دەرىجىدىكى كۋانت سۇ، كۋانت پايپاق، كۋانت زەنجىردىن يۇقىرى دەرىجىدىكى پاتېنت، كاپىتال بازىرى بىلەن ئوراپ قاچىلاشقىچە، پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر بولغان نۇرغۇن «سودىگەر»لەر كۋانت ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ، ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ «بايرىقى» قىلىۋالماقتا.

  −− تۆۋەن دەرىجىدىكى ئالدامچىلىق: «تاۋارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈش»

  تاۋباۋدىن «كۋانت» دەپ ئىزدىگەندە، ھەر خىل «كۋانت تاۋار» نەچچە يۈز خىلدىن ئاشىدۇ: كۋانت سۇ، كۋانت مارجان، كۋانت تاماكا قۇتىسى، كۋانت كۆز ئەينەك، كۋانت ئاپتوموبىل پەردىسى، كۋانت رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش يان تېلېفون چاپلىقى، كۋانت دەرىجىدىن تاشقىرى فار-فور ئېنېرگىيە چىنىسى... ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدىگەندە، يەنە نۇرغۇن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بار بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا «كۋانت تېببىي ئىلىم» ئۇقۇمىنى كۆتۈرۈپ چىققان.

  بۇ تاۋارلارنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى «ئىقتىدارى كۈچلۈك»، باھاسى ئەرزان ئەمەس. بىر جۈپ كۋانت پايپاقنىڭ باھاسى 30 يۈەندىن يۇقىرى بولىدۇ، «پۇراشتىن ساقلاش» ھەمدە «ئېنېرگىيە ئاشۇرۇش» رولى بار؛ «تېرىنىڭ ئاستىغا بىۋاسىتە يېتىپ بارالايدۇ» دەۋالغان بىرخىل كۋانت گۈزەللەشتۈرۈش پۈركىمىسىنىڭ باھاسى 88 يۈەن؛ تېخىمۇ قىممەت بولغان «كۋانت دەرىجىدىن تاشقىرى ئېنېرگىيە رېزوناتورى»نىڭ باھاسى 1500 يۈەندىن ئاشىدۇ...

  بەزى مۇتەخەسسىسلەر نائىلاج مۇنداق دېدى: ئاتالمىش كۋانت سۇ، كۋانت دورا، كۋانت ئوغۇت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاممىنى قايمۇقتۇرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ كۋانت بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. بۇ مەھسۇلاتلارنى قارىماققا تېخىمۇ ئىشەنچىلىك كۆرسىتىش ئۈچۈن، سودىگەرلەر يەنە نۇرغۇن ئىلمىي ئۇقۇملارنى ئىشلىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، كۋانت دەرىجىدىن تاشقىرى ئېنېرگىيە رېزوناتورىغا «مەنپىي ئوكسىگېن ئىئونى»، «مىكرو مېتىرلىق ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى»، «تېگېرتس» قاتارلىق نۇرغۇن ئىسىملارنى قوشىدۇ.

  −− ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئالدامچىلىق: «ئۇقۇم ئارقىلىق ئۆزىنى پەردازلاش»

  ئۆزىنىڭ بۇ بىمەنە سۆزلىرىنى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىنى پەردازلىشى ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كۆپىنچىسى پاتېنت، ئاپپارات، باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق ئۇقۇم ئارقىلىق ئۆزىنى پەردازلايدۇ.

  بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا پانتېنت ئالىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۋانت بىلەن مۇناسىۋەتسىز بەزى كىچىككىنە ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن پاتېنت بېرىلىدۇ، بىراق ئالدامچلار پاتېنت بېرىلگەن مەھسۇلاتىنىڭ ئىسمىدىكى «كىۋانت» سۆزىدىن پايدىلىنىپ، «كۋانت مەھسۇلاتى ھەممىگە قادىر» دەپ ئاممىنى قايمۇقتۇرىدۇ.

  يەنە بەزىلىرى ھەرخىل يىغىن ئۇيۇشتۇرىدۇ ياكى قاتنىشىدۇ، ئارقىدىن شۇ يىغىننىڭ نامىدا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا ھەرخىل ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدۇ.

  يۇقىرى دەرىجىدىكى ئالدامچىلىق: «كاپىتال ئالدامچىلىقى»

  2016-يىلى 11-ئايدا، لۇڭئەي كۋانت كەسىپ (شېنجېن) چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لۇڭئەي كۋانت» دېيىلىدۇ) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلدى. بۇ شىركەتنىڭ تور سۇپىسىدا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۆزىنى ئىلغار پەن-تېخنىكىنى يادرو قىلغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قوللىنىش، كېڭەيتىش، مۇلازىمەت قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال چوڭ تىپتىكى گۇرۇھ شىركىتى، شىركەتنىڭ تۇرمۇش سودا شەھەرچىسىدە مەھسۇلاتلارغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق جەملىمە نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەۋالغان. ئەمەلىيەتتە، «لۇڭئەي كۋانت» قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەزالار مەلۇم قائىدە بويىچە قاتلام- دەرىجىگە تىزىلىپ، يۇقىرى سوممىلىق ھەرىكەتچان پايدا ۋە تىنچ پايدىغا ئېرىشىشنى يەمچۈك قىلىپ، ئەزالارنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەن لىنىيەدىكى ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىزىقتۇرغان ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان خادىملارنىڭ سانى ۋە تۆۋەن لىنىيەدىكى نەتىجىسىنى پايدا قايتۇرۇش ئاساسى قىلغان بولۇپ، تىپىك پىرامېدا شەكلىدىكى شاخلىتىپ سېتىش ئەزالىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ شاخلىتىپ سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى. لېكىن مۇخبىر كېسىم ھۆججىتى تورىدىن تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بۇ دىلو ئاللىقاچان كەڭ دائىرىدە ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار ئالدىنىپ قالماقتا.

  −− قايسىلىرى ئىشەنچلىك بولغان كەسىپلەر بويىچە قوللىنىش؟

  نۆۋەتتە كۋانت پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ئاساسلىقى كۋانت خەۋەرلىشىش، كۋانت ھېسابلاش ۋە كۋانت ئىنچىكە ئۆلچەش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۋانت تېخنىكىسىنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى، لېكىن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا ھەقىقىي ئىشلىتىشكە يەنە نەچچە يىل كېتىشى مۇمكىن؛ نەچچە يىللار بۇرۇنقى يادرو كىسلاتاسى، نانومېتىر، گىن ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىق ھەر بىر خىل يېڭى پەن-تېخنىكا باش كۆتۈرگەندە، بەزى يامان غەرەزلىك كىشىلەر بۇ تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىن كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ، بۇ ئىلمىي بولمىغان كۆپتۈرمىچىلىك سەۋەبلىك، بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۇ ساھەنى ئەل رايىدىن ئايرىۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.

  كۋانت فىزىكىسى ئاساسىدىكى ئەڭ يېڭى سانائەت قوللىنىشى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئاتوم سائىتى (ۋاقىت ۋە ئۇزۇنلۇقنى ئۆلچەش، يول باشلاش)؛ كۋانت ئۆلچەش ئۆلچىمى (ئېلېكتىر قارشىلىقى، توك ئېقىمى قاتارلىقلار)؛ لازېر تېخنىكىسى «ھەر خىل ئۆلچەش، پىرىنتېرلاش، CD قويغۇچ، كەپشەرلەش، كېسىش تېخنىكىسى، داۋالاش لازېر نۇرى قاتارلىقلار)؛ يبرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى (كرىستال تۇرۇبا، ئۆزەك قاتارلىقلار) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جۈملىدىن مىكروسكوپ، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۋانت نەزەرىيەسىنىڭ قوللىنىلىشىدۇر.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۋانت تېخنىكىسىنىڭ ھازىرچە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن، ھازىرقى ئاتالمىش «كۋانت + تۇرمۇش» دېگەن مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئادەم ئالدايدىغان نەرسىلەر ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ