شى جىنپىڭ كىرىباتى زۇڭتۇڭى مامائۇ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2020.01.07 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى خەلق سارىيىدا كىرىباتى زۇڭتۇڭى مامائۇ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، دۇنيادا خۇش خەۋەرلەر شۇم خەۋەرلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپەيدى. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتى دەل بېيجىڭ يېڭى يىللىق تۇنجى قارنى كۈتۈۋالغان پەيتكە توغرا كەلدى. جۇڭگودا خاسىيەتلىك قار مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. 2020-يىلى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر 9-ئايدا، جۇڭگو كىرىباتى بىلەن بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن كىرىباتى ھۆكۈمىتى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى ۋە سىياسىي جاسارىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان دەسلەپكى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە. بىز كىرىباتى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ