خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-يانۋار ئومان سۇلتانى قابۇسنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوماننىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان سۇلتانى خەسەمگە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەمدە ئۆز نامىدا سۇلتان قابۇسنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، سۇلتان قابۇسنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ۋە ئومان خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇلتان قابۇس ئوماندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، ئۇ ئوماننىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارس قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئومان خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. سۇلتان قابۇس جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو- ئەرەب ئەللىرى دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوقۇم يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ