مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەرجان مەمرانىڭ شۇئارى: مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى

2020.01.09 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ چېگرا قورغىنىدا سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىگە ئىگە ۋە «ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇ» دەپ نام ئالغان بىر كىچىك شەھەر بار. ئۇ بولسىمۇ، ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى. ئۇ جاي ھازىر خەنزۇ كادىرنى قۇتقۇزۇشتا قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بىر نەپەر ياش قازاق خەلق ساقچىسىنى ئۆز قوينىدا ساقلىماقتا.

  سەرجان مەمرا، 1964- يىلى 8- ئايدا تۇغۇلغان، 1987- يىلى ج خ خىزمىتىگە قاتناشقان، ھايات ۋاقتىدا كۆكتوقاي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى شەھەر-بازار ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ئىدى. 1994- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۇ بىر ۋەقە جەريانىدا، يەنى قولىدا پارتلاتقۇچ دورا خالتىسى ئېلىۋالغان قارا نىيەتلەر بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىش جەريانىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىدى، شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى، كېيىن ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان، دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى، ھەمدە مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.

  1994- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئىككى قارا نىيەت ئۇنسۇر يېنىدا پارتلاتقۇچ دورا خالتىسىنى ئېلىپ كېلىپ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يې ۋېيشياڭنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرگەن بولۇپ، شۇ چاغدا ئەھۋال خەتەرلىك ئىدى، شۇ كۈنى نۆۋەتچى خەلق ساقچىسى سەرجان باشقىلارنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى.

  نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن، سەرجان بىرىنچى بولۇپ ئېتىلىپ كىردى. بىللە بارغان بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىشىك سىرتىدا كۆزىتىپ ئايلىنىپ تۇرغان ئىدى. ھويلىدىكى قارا نىيەتلەرنىڭ بىرى قولىدا پارتلاتقۇچ دورا خالتىسىنى كۆتۈرۈۋالغان، يەنە بىرى قولىدا خەنجەر كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، شۇ پەيتتە سەرجان شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ، قولىدا پارتلاتقۇچ دورا خالتىسىنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇ قارا نىيەتنى ئىككى بىلىكى بىلەن چىڭ قۇچاقلاپ تۇرىۋالغان ئىدى، شۇ چاغدا يەنە بىر قارا نىيەت قولىدا خەنجەر تۇتقان پېتى سەرجانغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا، قارا نىيەتلەر پارتلاتقۇچنىڭ يىپىنى تارتىپ ئۇنى پارتلاتتى. . . يې ۋېيشياڭ ئەر-خوتۇن خەتەردىن قۇتۇلدى، ئەمما، سەرجان قانغا مىلىنىپ يىقىلدى.

  سەرجاننىڭ دادىسىمۇ جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ كادىر-ساقچىسى ئىدى، دادىسى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: ياخشى ساقچى بولۇش ئۈچۈن، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماسلىق كېرەك.

  بۇ گەپنى سەرجان ئېسىدە چىڭ ساقلىغان ئىدى. ئۇنىڭ يەتتە يىللىق خەلق ساقچىسىلىق ھاياتىدا، بۇنداق ھايات-ماماتلىق سىناقلار ناھايىتى كۆپ بولغان ئىدى.

  كۆكتوقاي ناھىيىسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ سوغۇق جايلارنىڭ بىرى، بۇ يەرنىڭ نوپۇسى 90 مىڭغا يەتمەيدۇ، ئەمما ئۇ جاي قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق 20 نەچچە ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر جاي. سەرجان ئاز سانلىق مىللەت ساقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك قەدىرلىدى.

   ـ ـ ـ تۇلپارمۇ-ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ. قەھرىمانمۇ-ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئىزىدىن مەلۇم بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر مۇنداق بىر جۈملە قازاق ماقال-تەمسىلى بىلەن سەرجانلارنى تەسۋىرلىمەكتە، ئۇنىڭ قالدۇرغان بىر قاتار چاقناق ئىزلىرىنىمۇ كىشىلەر ئەزەلدىن ئۇنۇتۇپ قالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ