مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەنگلىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ قايتا يىغىۋېلىنمايدىغان نۇرغۇن زەھەرلىك ماددىلىق ئەخلەتلىرى ئۇدا مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلغان

مالايسىيادا قانۇنسىز «چەتئەل ئەخلەتلىرى» قىلمىشىغا زەربە بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى

2019.12.18 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مالايسىيانىڭ ئېنېرگىيە، پەن-تېخنىكا، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئەنگلىيەنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق ئالىي ۋالىي مەھكىمىسى بىلەن بىرلىشىپ قوشما بايانات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا، ئەنگلىيە «بازېل ئەھدىنامىسى»گە ئاساسەن مالايسىيا پورتىدىكى سۇلياۋ تاشلاندۇقلار قاچىلانغان 42 كونتېينېرنى ئەنگلىيەگە قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  قوشما بايانات ۋە بۇ خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ كونتېينېرلار 2018- يىلى 3- ئايدىن 2019- يىلى 3- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا مالايسىيانىڭ پىناڭ پورتىغا توشۇلغان. كۆپ مىقداردىكى ئۇ سۇلياۋ ئەخلەتلەر بەلكىم ساختا بەلگە قويۇلغان خام ئەشيالار ياكى يىغىۋېلىشقا بولىدىغان بۇيۇملار ياكى قانۇنلۇق ئىمپورت قىلىنغان يىغىۋېلىشقا بولىدىغان بۇيۇملار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ قاچىلىنىشى مومكىن ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ كونتېينېرلار بولسا، پەقەت مالايسىيا تاموژنىسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن 3000 توننا زىيانلىق ماددىلىق ئەخلەتلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يەنە نۇرغۇن ئەخلەتلەر ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە كانادا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىكەن.

  بۇ ۋەقە ئەنگلىيەدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدە يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىلىدىغان ئەخلەتلەر پۈتۈن ئەخلەتلەرنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىكەن، قالغان قىسمى، بولۇپمۇ يىغىۋېلىنمايدىغان نۇرغۇن زەھەرلىك ماددىلىق ئەخلەتلەر يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان «ئېكسپورت» نامى بىلەن مالايسىيا، ھىندىستان ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلغان بولۇپ، ئۇ ئەخلەتلەر شۇ جاينىڭ تېخىمۇ ئېغىر مۇھىت مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى» ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ خىل قىلمىش ئەنگلىيە ئۈچۈن بىر «نومۇس»دۇر.

  مالايسىيا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئادەتتە باشقا جايغا يۆتكىۋېتىپ تاشلىۋېتىدىغان كېرەكسىز تاشلاندۇقلىرى ئىچىدە، قولغا چۈشۈرۈلگەن ئۇ 3000 توننا «چەتئەل ئەخلىتى» بولسا، پەقەت بۆيۈك بىر مۇز تاغنىڭ ئاران بىر بۇرجىكىدىنلا ئىبارەت ئىكەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزۇندىن بېرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئەخلەتلەرنى قايتا يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يېتىشمەي كەلگەچكە، كۆپلىگەن زىيانلىق ئەخلەتلەرنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدىكى دۆلەتلەرگە ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2018- يىلى مالايسىيانىڭ سۇلياۋ ئەخلەتلەرنى ئىمپورت قىلىش مىقدارى 870 مىڭ توننىغا، تايلاندنىڭ ئىمپورت مىقدارى 480 مىڭ توننىغا، ھىندونېزىيەنىڭ ئىمپورت مىقدارى 320 مىڭ توننىغا يەتكەن. بۇ ئەخلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى قانۇنسىز ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا ئاپىرىلىپ كۆيدۈرۈلىدىكەن، بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىغان ئەخلەتلەر كۆمۈش مەيدانىغا دۆۋىلەپ قويۇلىدىكەن، ھەتتا دېڭىزغا تۆكۈۋېتىلپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت تەننەرخىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدىكى دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئەخلەت ئىمپورتىغا چەك قويدى. 2018- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتى يىغىۋالغىلى بولمايدىغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىدى. تايلاند 2021- يىلىدىن باشلاپ سۇلياۋ ئەخلەت ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىل 5- ئايدا، 180 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ۋەكىللىرى «بازېل ئەھدىنامىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، سۇلياۋ ئەخلەتلەرنى ئىمپورت-ئېكسپورتىغا چەك قويۇشنىڭ ئوبيېكتىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ يېڭى تەدبىردە، «بازېل ئەھدىنامىسى»گە تېخى ئىمزا قويمىغان دۆلەتلەرنىڭمۇ چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەخلەتلەرنى ئېكىسپورت قىلىشى مەنئىي قىلىنغان. ئامېرىكا گەرچە دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئەخلەت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، ئۇ «بازېل ئەھدىنامىسى»گە تېخى ئىمزا قويمىغان.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 2018- يىلى ئېكىسپورت قىلغان سۇلياۋ ئەخلەتلىرى بىر مىليون توننىدىن ئاشقان. مالايسىيا ئېنېرگىيە، پەن-تېخنىكا، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ياڭ مېييىڭ مۇنداق دېدى: بىز تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى سۇلياۋ ئەخلەتلەرنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشىغا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئەخلەت توشۇشنى توختىتىشىغا دەۋەت قىلىمىز، چۈنكى، بۇنداق قىلىش ھەم ئادىلسىزلىق ھەم مەدەنىيەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ