مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئىلىم ساھەسىدىكىلەر: ئامېرىكىنىڭ سۇيىقەستى «قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى قايرىپ قويۇپ «شىنجاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ تەرققىياتىنى چەكلەش»تىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ سۇيىقەستى چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ

2019.12.11 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019- يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قەستەن ھاقارەتلەپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىغا ھەدەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى. شىنجاڭدىكى ئىلىم ساھەسىدىكى زاتلار بەس-بەستە بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەندى ھەمدە ئامېرىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. شىنجاڭنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم ئومۇمىيىتىگە ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەمدە جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتەك ھەرقانداق سۇيىقەستى چوقۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

  ئۇ «قانۇن لايىھەسى»دە ھەقىقىي ئەھۋال قايرىپ قويۇلغان، جۇڭگونىڭ تەربىيەلەش خىزمىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن

  ئۇ «قانۇن لايىھەسى» يالغان گەپلەر ئاساسىدا توقۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن بېزەلگەن "كىشىلىك ھوقۇق"نامى ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشى ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشىدىكى يامان نىيىتى يوشۇرۇنغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپى ۋە ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى ھەمدە كۇرسانتلارنىڭ مەدەنىيەت بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك ماھارىتىنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردىمى بولدى.

  مەن ئىلگىرى قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، كۇرسانتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مەكتەپتىكى ئەركىن ۋە جانلىق كەيپىياتنى ھېس قىلدىم. زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: كۆپ ساندىكى كۇرسانتلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ئەمەلىي ماھارەتنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كۆپ ساندىكى كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي ۋە ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئاشۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ شىڭخې ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇيمىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى.ئۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش روھى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئەھدىنامە ۋە تەشەببۇسلارنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن.

  ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى، ھەر مىللەت خەلقى باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولدى

  ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق بوغۇۋاتىدۇ» دېگەن ئەيىبلىشىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايلا قالماستىن، بەلكى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلدى ۋە قوغدالدى. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مۇختەر ياسىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ كەلمەكتە، مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى دەرسىنى ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈش»نىڭ قىلچە ئاساسى يوق.

  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى يۈسىيىن ھاشىم مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئاساسلىق قوللىنىدىغان 10 خىل تىل-يېزىق ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، ئىجتىمائىي جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلدى. ھۆكۈمەت يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنى قوغداش ۋە ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، «زۇكام جەۋھىرى» قاتارلىق مىللىي تېبابەت دورىلىرىمۇ كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ 12 مۇقامى ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ سەنئەت شەكلى دەل ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ ۋە كۈچ چىقىرىپ قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداشنى تاماملاپ، تېكىستكە ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. يۈسىيىن ھاشىم مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدىن 83 ى، دۆلەت دەرىجىلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»نىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىدىن 64ى بار بولۇپ، ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەر تۈرىنىڭ %95تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

  مەن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تۇغۇلغان، چوڭ بولغاندىن كېيىن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى ماڭغا ئېلىپ كەلگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم ياقۇپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلار جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىگە تولۇق ئىگە، بىز ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»گە مۇھتاج ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ