خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق 1-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بەردى. بۇنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
2020- يىلى، پۈتۈن ئارمىيە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنى قاتارلىقلارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسكەر بولۇپ ئۇرۇش قىلىش، قوشۇننى يېتەكلەپ ئۇرۇش قىلىش ۋە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇش قىلىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك دۈشمەن ۋە رەقىبلەرنى يېقىندىن نىشانلاپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھالىتىنى ئالغان ھەربىي مەشىقنى چىڭ تۇتۇپ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ھۇشيارلىق ھالىتىنى ساقلاپ، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان ئۇرۇش قىلىدىغان، ئۇرۇش قىلغان ھامان جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان ھالەتتە تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ