مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2020.01.07 14:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن لائوس تاغ-دەريالىرى تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان دوست قوشنىلار. جۇڭگو، جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لائوس بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ مەنپەئەتلىنىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، بۇلتۇر ئىككى تەرەپنىڭ سودىسىدا ۋەزىيەتكە قارشى ئېشىش ئەمەلگە ئاشتى. جۇڭگو لائوس بىلەن زور ئۇل ئەسلىھە تۈرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، لائوسنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بار، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان كارخانىلىرىنىڭ لائوسقا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، لائوسنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقىغا مەدەت بېرىدۇ. جۇڭگو لائوسنىڭ لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ 3-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، لائوسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى بۇ يىل قەرەلىدە ئىمزالاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  توڭلۇن جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر لائوس بىلەن جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالدى. لائوس جۇڭگو بىلەن ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لائوس-جۇڭگو تۆمۈر يول تۈرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى يولغا قويۇشنى خالايدۇ. لائوس سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لائوستا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. لائوس ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، 3-قېتىملىق لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى پۇل مۇئامىلە، ئۇچۇر، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا توڭلۇننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، گاۋ يۈنلۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ