مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تەنتەربىيەنىڭ نومۇر قىممىتىنى ئۆستۈرۈش پەقەتلا بىرىنچى قەدەم

2020.01.06 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، يۈننەن ئۆلكىسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى يېڭى ئىسلاھات سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، تەنتەربىيەنىڭ نومۇر قىممىتىنى 50 نومۇردىن 100 نومۇرغا ئۆستۈرۈپ، تىل-ئادەبىيات، ماتېماتىكا ۋە چەت ئەل تىلىنىڭ نومۇر قىممىتى بىلەن تەڭلەشتۈردى.

  ئۇزۇن يىل «ئۇۋال قىلىنغان» تەنتەربىيە دەرسى ئاخىرى ئاساسلىق دەرسكە ئايلاندى، بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئاخىرى دەرس ۋاقتىنى باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى»، دېيىشتى. بۇ، ئۇزاقتىن بۇيانقى تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنىڭ «بوزەك بولۇش» ھالىتىنى ۋاقتىدا تۈزىتىش بولۇپ، مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، يەنى مەكتەپ، ئائىلە ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەنتەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت. لېكىن ياخشى سىياسەتلەرنى ياخشى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  يۈننەندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەنتەربىيە ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى تەن ساغلاملىقىنى كۆزىتىش، ماھارەت- بەدەن ئىقتىدارى ئىمتىھانىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تەن ساغلاملىقىنى ئۆلچەشتە بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى، ئۆپكە سىغىمچانلىقى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر تەكشۈرۈلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆلچەمگە يېتەلەيدۇ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىش- ئېرىشەلمەسلىكى مەلۇم دەرىجىدە شەخسنىڭ بەدەن ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەزى تۇغما تەن ساپاسى ناچار ياكى باشقا ساغلاملىق مەسىلىسى بار ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىش كېرەكمۇ-يوق؟ بۇنىڭدىن باشقا، بەزى يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدە تەنتەربىيە دەرسى تولۇق ئۆتۈلمىگەن، بۇ ھەرگىزمۇ باشقا دەرسلەرنىڭ ئىگىلىۋېلىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچى كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان، بۇ خىل ئەھۋالنىمۇ ئويلىشىپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تىن ساقلىنىش كېرەكمۇ- يوق؟

  تەنتەربىيە دەرسى نومۇرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتە، يەنە بىر خىل يېڭى خاتا قاراشقا كىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر قىسىم مەكتەپلەر ئۆرلەپ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، چەكتىن ئارتۇق مەشىق قىلىشقا تەشكىللىشى مۇمكىن، بەزى ئوقۇغۇچىلارمۇ بەدىنى بىلەن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، مۇۋاپىق مەشىق سىجىللىقى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ، مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر پەقەت تەنتەربىيە نومۇرىنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، مۇناسىپ ئۇل خاراكتېرلىك يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئىز قوغلاپ كاپالەتلەندۈرۈش بولمىسا، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋپ-خەتەرنى باھالاش، جەرياننى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ۋە دەرس مەزمۇنىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش بولمىسا، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىشى مۇمكىن.

  مەكتەپ تەنتەربىيە ئىسلاھاتىنىڭ باش-ئايىغى ئۇزۇن، قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولغاچقا، بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. يۈننەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەنتەربىيە ئىمتىھانى نومۇرىنى 100 نومۇرغا يەتكۈزۈشى − مەكتەپ تەنتەربىيەسى ئىسلاھاتىدا بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەم، لېكىن بۇ پەقەت تۇنجى قەدەم. كەلگۈسىدە يەنە ئىلمىي ئوقۇتۇش، مۇۋاپىق باھالاش قاتارلىق ھەر قايسى قاتلاملاردىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلاردا چېنىقىشنى ياخشى كۆرىدىغان، كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، تەنتەربىيە مائارىپىنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى ئاكتىپ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ